سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يولداش ئەركىن ئىمىرباقىنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىدىكى ئىمزالىق ماقالىسىنى تارقاتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-05

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقىنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىدىكى ئىمزالىق ماقالىسىنى تارقاتتى.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ۋە 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنى مەزگىلىدە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇپ، ھەققانىيەت ساداسى، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ساداسى، ئىتتىپاقلىق ساداسىنى ياڭرىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەپ، قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىنى قوللاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى داۋاملىق كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى›› لەرنى چوڭقۇر پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، ئۇلار بىلەن چېگرانى ئېنىق ئايرىپ، ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ، ناھايىتى ياخشى ئىجتىمائىي تەسىر قوزغىدى. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، تارماقلارنىڭ ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى تېخىمۇ قەتئىي قوغداپ، قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بويىچە تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت›› نى ياخشى ئېتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – قۇدرەتلىك، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365742011