سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇ خەيلۇن قۇربان ھېيت مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىكنى قوغداش ئەھۋالىنى تەكشۈردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-05

    قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى قەشقەر شەھىرىگە بېرىپ، ھېيتتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ۋە ئىگىلىدى.

    جۇ خەيلۇن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ج خ خەلق ساقچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم ھېيتگاھ جامەسىگە بېرىپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ قۇربان ھېيت مەزگىلىدىكى تۈرلۈك بىخەتەرلىكنى، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، جامەنىڭ قۇرۇلۇش، توك يولى، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ كۆردى.

    جۇ خەيلۇن قەشقەر شەھىرىنىڭ قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شەھەر بويىچە نۇقتىلىق مۇرەككەپ يول بۆلەكلىرى، كىشىلەر زىچ توپلىشىدىغان جامائەت سورۇنلىرىنى چارلىغانلىقىنى ھەم نۇقتىلىق مەسچىت ۋە مەيدانلارنىڭ ئەتراپلىرىدا ئوت مۇداپىئەسى يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى تەكشۈرگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەسچىتلەرنىڭ ئەتراپىغا قۇتقۇزۇش، تەشۋىقات، تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاسادىپىي ئېھتىياجغا تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى ئىگىلىگەن. جۇ خەيلۇن قەشقەر شەھىرىنىڭ قوللانغان مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

    جۇ خەيلۇن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: قۇربان ھېيت مەزگىلىدە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىق، تەخىرسىزلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ‹‹ئۈچ چىقماسلىق››نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە ئائىت تەربىيەلەش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ نورمال، تەرتىپلىك بولۇشىغا، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ دىنلار ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشتىن – ئاخىر ئەڭ مۇھىم ئاممىۋى خىزمەت قاتارىدا چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ھېسسىياتىنى تولۇق چۈشىنىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، دىنىي زاتلار ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن – بەلگىلىمە بويىچە قوغداش؛ مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈش شارائىتىنى ياخشىلاپ، مەسچىتلەرگە ‹‹يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش›› ۋە ‹‹توققۇزنى سەپلەش››نى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنىي زاتلار، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش؛ جامائەت تەرتىپىنى ساقلاش، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش، كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش، ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تاسادىپىي ۋەقەلەرگە قارىتا ئالدىنئالا خىزمەت لايىھەسىنى بېكىتىپ، مەسچىتتىكى پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتنى خۇشال – خۇرام، ئىناق ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365741971