سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئاچتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-05

    ئىدىيەنى قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كۈتسىز چىڭ تۇتىمىز

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئورۇنلاشتۇردى. يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

    نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› مۇقىملىقنى قوغداش كەسكىن ۋەزىيىتى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹ئۈچ مەيدان كەسكىن جەڭ››نى ياخشى قىلىش، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››دا غەلىبە قىلىش تەدبىرىنى ۋاقتىدا، كەسكىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، ئەسكەر، خەلق قاتارلىق ھەر تەرەپنىڭ كۈچىنى بىر نىيەتتە ھەمكارلاشتۇرۇپ، ئۇدا جەڭ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمەلىيەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى چۆرىدەپ ئاتقان بىر قاتار ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنىڭ مەركەزنىڭ تەلىپىگە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان، ھەقىقىي يولغا قويغىلى بولىدىغان، ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى بارلىق كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئۆگىنىشى، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشى ۋە ياخشى ئىگىلىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى چۆرىدەپ بېكىتكەن سىياسەت – تەدبىرلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئۆگىنىشى، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشى ۋە ياخشى ئىگىلىشى، روھىنى تولۇق چۈشىنىپ، ماھىيىتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باشتىن – ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى سىياسىي كېڭەشتە كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: مۇقىملىقنى قوغداشتىدىكى نۆۋەتچىلىك، ئامانلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق، دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت، دەپ قاراپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيار تۇرۇش كېرەك. باش نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىنى يۇشۇرۇن تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش، يوشۇرۇن خەۋپ بار – يوقلۇقىنى ئۆزى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، مەسىلە، يوچۇق ۋە ئاجىز ھالقىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ رەتكە تۇرغۇزۇپ، ھەر بىر تەپسىلات، ھەربىر ھالقىنى تۇتىدىغان ئادەم بولۇش، باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش، مەسئۇل بولىدىغان ئادەم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇداپىئەسىز رايوندىن بىرنىمۇ قالدۇرماسلىقنى، يوشۇرۇن خەۋپتىن بىرنىمۇ ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىن ھېچقانداق ئىش چىقماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنى خاتىرجەم قىلىشىمىز كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365741821