سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگان كادىرلىرى ۋە ئىشچى–خىزمەتچىلەر يىغىنى ئاچتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-05

    شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى قەتئىي مۇستەھكەملەيمىز

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئورگان كادىرلىرى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇنىڭ شىنجاڭنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقىنىڭ ‹‹شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرايلى›› ناملىق ئىمزالىق ماقالىسىنى ئۆگەندى، 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

    نەيىم ياسىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، قەدەمدە قەتئىي بىرلىككە كېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە كۈچنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

    نەيىم ياسىن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئىشەنچنى ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلىشىمىز كېرەك. بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىينى تەكىتلەپ، يادرونى ھەم مەركەزنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكنى قەتئىي قوغداپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشانىنى چۆرىدەپ تۈزگەن خىزمەت پىرىنسىپى، خىزمەت تەپەككۇرى، سىياسىي تەدبىرلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز؛ ‹‹باش نىشان يېتەكچى، بايراق يۆنىلىش›› دېگەن ئىدىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي ئورۇننى داۋاملىق چىڭ ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى ۋە خىزمەت مەركىزىنى باشتىن – ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشىمىز؛ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، باشتىن – ئاخىر بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم بولۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە يېڭى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، ۋەكىللىك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتى ۋە تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى داۋاملىق پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى مانەن زەينەل، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365741751