سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا ئاز سانلىق مىللەت پېشقەدەم رەھبەرلەرنى يوقلىدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-05

    قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، يەنى 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن 31 – كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەت، ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئاز سانلىق مىللەت پېشقەدەم كادىرلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

    پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر، مەززىلىك چاي پۇرىقى پېشقەدەم رەھبەرلەرنىڭ ئۆيىنى قويۇق ھېيت كەيپىياتىغا چۆمدۈرگەنىدى. چېن چۈەنگو، لى شۆجۈن قاتارلىقلار يولداش ئىسمائىل ئەھمەت، يولداش ئىسمائىل تىلىۋالدى، يولداش ئابلەت ئابدۇرېشىتنى ۋە يولداش ئەركىن ئىمىرباقىنىڭ رەپىقىسى ھەمدە ماھىنۇر قاسىمنى يوقلىدى، ھەم يەنە مۇناسىۋەتلىك يولداشلارغا سىرتتا تۇرۇۋاتقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەتكە سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تاپىلىدى. چېن چۈەنگو پېشقەدەم رەھبىرىي يولداشلار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ، ئۆزئارا ھال سوراشتى، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن پېشقەدەم رەھبىرىي يولداشلارغا ھېيتلىق بەخت تىلىدى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

    چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئالاقىدار تۈرلۈك ئىشلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردى. ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىقتىساد سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇستەھكەملەندى ۋە كۈچەيدى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، دىنلار ئىناقلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ خالىس ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇنىڭغا ھەر قايسى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئەجرى سىڭگەن. مەن ھەر قايسى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    شۆھرەت زاكىر، شۈ خەيرۇڭ، جۇ چاڭجيې قاتارلىقلار ھامىدىن نىياز، ئابدۇرېھىم ھامىد، ئامىنە غاپپار، خوجىخان ھاكىموف، قادىس جانابىل، ما جيەنگونىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ھال سورىدى. شۆھرەت زاكىر ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى ھەم ئۇلاردىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە قارىتا تەكلىپ – پىكىر ئالدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇپ، بىزنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى ۋە چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئالاقىدار تۈرلۈك ئىشلاردا سىجىل ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. مەن پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا ئەقىل ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    نەيىم ياسىن، لو دۇڭچۇەن، جەرۇللا ھېسامىدىن قاتارلىقلار قۇربان ئەرشىدىن، مامىتوف تۇرسۇن، پاشا ئىشان، دىيار قۇماش، قۇربان روزى، شارىپقان كارىم، مەمەت ھەسەن توخدالىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ھال سورىدى. نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار پارتىيەگە سادىق بولۇپ، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئالغا بېسىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇپ، پۇختا ئاساس سالدى، ئۇلارنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مەن پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئىلگىرىكىدەكلا تەجرىبىسى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى تەقدىم قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىللە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    نۇرلان ئەبىلمەجىن، تيەن ۋېن قاتارلىقلار قېيۇم باھاۋۇدۇن، قاسىم مامۇت، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، كې لى، ئالپىسباي راقىم، يۈسۈپ ئەيسانىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىدى ھەم ئۇلارغا ھېيتلىق بەخت تىلىدى. نۇرلان ئەبىلمەجىن پېشقەدەم رەھبەرلەر ۋە پېشقەدەم يولداشلارغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، پېشقەدەم رەھبەرلەر ۋە پېشقەدەم يولداشلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پۇختا ئاساس سالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ئۇلارنىڭ مەيدانى مۇستەھكەم، تەجرىبىسى مول، پەزىلەتلىك ھەم ئابرۇيلۇق، تەسىر كۈچى زور بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلىرىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى تەكلىپ – پىكىرلەرنى بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك ئىشلىرى ئۈچۈن ئەقىل – تەدبىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

    سۈن جىنلۇڭ، مۇتەللىپ قاسىم قاتارلىقلار ھەسەنبەك تۇردى، ئايۇپ تىيىپ، جاپپار ھەبىبۇللا، مەمەتجان ئەمەت، روزى ئىسمائىل، خەلچەم ئىسلام، مەمەت يۈسۈپنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ھال سورىدى. سۈن جىنلۇڭ پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىدى، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ۋە يۇرتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئائىلىسىگە ئامانلىق تىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پېشقەدەم يولداشلار بىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقىمىز، سىلەر ئىلگىرى خىزمەت جەريانىدا توپلىغان مول تەجرىبىلەر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىشلىرىمىزدا ھېلىھەم يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. پېشقەدەم يولداشلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراپ، خۇشال – خۇرام ياشاپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار مەمەت روزى سەپەر، يۈسۈپ مۇھەممىدى، دەلىلقان مامىقان، مەمەت روزى، جانابىل سىماغۇل، غوپۇر ئابدۇللا، مەمتىمىن زاكىرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، پېشقەدەم رەھبەرلەر ۋە پېشقەدەم يولداشلاردىن ھېيتلىق ھال سورىدى. لى پېڭشىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بۇ نەتىجىلەر پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار سالغان پۇختا ئاساستىن بولغان، مەن سىلەرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەتلىرىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، ئاپتونوم رايونغا ئەقىل – تەدبىر كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ھال سوراش جەريانىدا، پېشقەدەم رەھبەرلەر مۇنداق دېيىشتى: شىنجاڭنىڭ بارغانسېرى ئىناق، بارغانسېرى مۇقىم بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چىن كۆڭلىمىزدىن خۇش بولدۇق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ۋە قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تامامەن توغرا بولغان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش نىشاننى چۆرىدەپ بېكىتكەن بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەر مەركەزنىڭ روھى ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن. بىز چوقۇم ئەۋزەللىكىمىزنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىمىز بىلەن قوللاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365741651