سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-05

    چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

 ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى

    شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

     ئاپتونوم رايون 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ‹‹ئۈچ مەيدان كەسكىن جەڭ››، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى›› دا قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

    چېن چۈەنگو سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ 1 – سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان ھەرقايسى تەرەپ مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرى، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى ھەم ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىلدىن بۇيان، ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، ئەسكەر، خەلق بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، پىداكارلىق بىلەن داۋاملىق جەڭ قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەر، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى روھىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ باش نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، ئەسكەر، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ۋە تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تامامەن توغرا بولۇپ، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش نىشاننى چۆرىدەپ بېكىتكەن بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەر مەركەزنىڭ روھى ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، جەزمەن ئىشەنچنى چىڭىتىپ ۋە ئىرادىنى ساقلاش كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر، ئىناق، ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

    بىرىنچى، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› كەسكىن ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەم نەتىجىلەرنى كۆرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەم سەگەكلىكنى ساقلاپ، ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇپ، بوشاڭلىق ئىدىيەسى، بىخودلۇق كەيپىياتىنى قەتئىي يېڭىپ، تېز غەلىبە قىلىش ئىدىيەسى، ئالدىراقسانلىق كەيپىياتىنى يېڭىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنى ھەممىدىن مۇھىم ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنى ھازىرقى كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش، تۈزەش، يۇقىرى بېسىم، ھەيۋە كۆرسىتىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، قالدۇق كۈچلەرنى قېزىپ چىقىپ، كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، تەلتۆكۈس يوقىتىپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا كەسكىن قول سېلىپ، قەتئىي زەربە بېرىپ، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىپ، يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش كېرەك.

    ئىككىنچى، ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇزاققىچە بوشاشماي تۇتۇش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇھىم ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى چۆرىدەپ بېكىتكەن خىزمەت پىرىنسىپى، خىزمەت تەپەككۇرى، سىياسەت – تەدبىرلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ مەيدان كەسكىن جەڭ››، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر مىنۇتمۇ بوشاڭلىق، بىخەستەلىك قىلماي، باشتىن – ئاخىر ھوشيار تۇرۇپ، قوراللىنىپ تەق بولۇپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا دەم ئېلىش پۇرسىتى، قايتا باش كۆتۈرۈش پۇرسىتى بەرمەي، ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلمىغىچە جەڭنى قەتئىي توختاتماسلىق كېرەك.

    ئۈچىنچى، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نورمال ھالەتنى ساقلاش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق خىزمەتتە باش نىشاننى چۆرىدەپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك؛ مېخانىزمنى ياخشىلاپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، ئەسكەر، خەلق ماسلىشىشتەك ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر يۈرۈش بەنزىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇقىملىقنى قوغداشقا ئاتلىنىشىدا، يەنە بىر يۈرۈش بەنزىنىڭ زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى تۇتۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ دائىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەۋقەنى بالدۇر، كىچىكىدە، تېز، ياخشى تۇتۇشقا قويۇپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، مەنبەدىن تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

    تۆتىنچى، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ھەل قىلغۇچ جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، ئەسكەر، خەلق ماسلىشىش ھەمتۈرتكىسىدە چىڭ تۇرۇپ، 1 – قول رەھبەر ئۆزى تۇتۇپ، ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، ھەر دەرىجىلىك مۇقىملىقنى قوغداش قوماندانلىق ئىشتابلىرى مەخسۇس ۋەزىپە، مەخسۇس مەسئۇلىيەت بېكىتىشى، مەخسۇس تۇتۇپ، مەخسۇس باشقۇرۇشى، ھەرقايسى تارماقلار تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرۇشى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك؛ خىزمەت تەدبىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، چېگرا ئىچى – سىرتىدا، شىنجاڭنىڭ ئىچى – سىرتىدا، توردا – تور سىرتىدا تەڭ ھەرىكەت قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ مەيدان كەسكىن جەڭ››، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››دا قەتئىي غەلىبە قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پەيدا قىلىدىغان تۇپراقنى مەنبەدىن يوقىتىش كېرەك؛ مۇھىم نۇقتىلارنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ئورۇنلاردا تۈرلۈك مۇداپىئە، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇقسىز رايون، يوچۇق بولماسلىق، بوشلۇق قالدۇرماسلىقنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئاممىۋى خىزمەتنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلەپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنى تەربىيەلەپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى قوزغىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەرنىڭ 3 يىللىق ‹‹قوش تىل›› يەسلى مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشنى تېخىمۇ ئىلمىيلەشتۈرۈپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، دىن خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ يامرىشىنى توسۇش كېرەك؛ كادىرلار ئىستىلىنى تېخىمۇ پاكلاشتۇرۇپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى قەتئىي تۈزەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا غايە، ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش تەربىيەسى بېرىپ ۋە ئۇلارنى شۇ بويىچە يېتەكلەپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، پولاتتەك قاتتىق ئىنتىزام ۋە سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىستىل ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم كەيپىيات يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەت ۋە تارماقلار مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، ئەسكەر، خەلق ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتا قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك؛ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى، يەرلىكنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تۈرلۈك مەسئۇلىيەت ۋە تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك؛ ھەيدەكچىلىك قىلىش، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    جۇ خەيلۇن مۇنداق كۆرسەتتى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى دانا، توغرا بولغان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››ى مەركەزنىڭ روھى ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كەلگەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار باش نىشاننى داۋاملىق زىچ چۆرىدەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى، بۇرچ ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، داۋاملىق غەيرەت قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ‹‹ئۈچ مەيدان كەسكىن جەڭ››، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››نى داۋاملىق، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن تىنچ، ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى، شىنجاڭ ج خ ئوت مۇداپىئە باش ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى مۇھاپىزەتچىلەر ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365741561