سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19 – قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنى 10 – ئاينىڭ 18 – كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش تەكلىپى بېرىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-05

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    يىغىندا، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي يىغىنىنى 2017 – يىل 10 – ئاينىڭ 11 – كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ج ك پ 19 – قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتايدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئۆتكەن 5 يىللىق خىزمەتلەر ئەستايىدىل يەكۈنلىنىدۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تارىخىي مۇساپىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىدە چىڭ تۇرغانلىقى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىقى ئەسلەپ ئۆتۈلىدۇ ۋە يەكۈنلىنىدۇ، ھازىرقى خەلقئارا ۋە ئىچكى ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسى تولۇق ئىگىلىنىپ، دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە مۇھىم سىياسەت – فاڭجېنلار بېكىتىلىدۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇشقا، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى داۋاملىق بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشكە، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشكە، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىنىدۇ

    يىغىندا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلاپ چىقىلىدۇ

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى يىغىن ئېچىپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19 – قېتىلىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    يىغىندا ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي يىغىنىنى 2017 – يىل 10 – ئاينىڭ 11 – كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19 – قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنى 2017 – يىل 10 – ئاينىڭ 18 – كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش تەكلىپى بېرىدۇ.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ج ك پ 19 – قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتايدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئۆتكەن 5 يىللىق خىزمەتلەر ئەستايىدىل يەكۈنلىنىدۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تارىخىي مۇساپىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىدە چىڭ تۇرغانلىقى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىقى ئەسلەپ ئۆتۈلىدۇ ۋە يەكۈنلىنىدۇ، ھازىرقى خەلقئارا ۋە ئىچكى ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسى تولۇق ئىگىلىنىپ، دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە مۇھىم سىياسەت – فاڭجېنلار بېكىتىلىدۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇشقا، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى داۋاملىق بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشكە، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشكە، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىنىدۇ.

    يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلاپ چىقىلىدۇ.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى داۋاملىق پۇختا ھەم ياخشى ئىشلەپ، يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365741461