سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى-دۇنخۇاڭ ساياھەت پويىزى ئۆكتەبىرنىڭ بېشىغىچە قاتنايدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-30

     مۇخبىرنىڭ 28-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە 31-ئاۋغۇست توختىتىلىدىغان ئۈرۈمچى- دۇنخۇاڭ ساياھەت پويىزى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ داۋاملىق قاتنايدىكەن.

    ئۈرۈمچىدىن دۇنخۇاڭغىچە قاتنايدىغان ساياھەت پويىزى بۇ يىل 1-ئىيۇل تۇنجى قاتنىغان بولۇپ، 31-ئاۋغۇست توختىتىش پىلانلانغان، بىراق ساياھەتچىلەر ئېقىمىنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەبلىك، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئەسلىدىكى پىلاننى ئۆزگەرتىپ، داۋاملىق قاتناشنى بېكىتكەن. كونكرېت قاتناش ۋاقتى 1-سېنتەبىردىن 10-ئۆكتەبىرگىچە بولىدىكەن.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر شىنجاڭغا كېلىپ پاختا تېرىيدىغان مەزگىل بولغاچقا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى 3-، 5-، 7-، 8-، 11-، 12-، 14-، 17-، 18-، 19-سېنتەبىر كۈنلىرى تۇرپاندىن قەشقەرگە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365684001