سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

كورلىدىن شىئەنگە بىۋاستە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-30

    جۇڭگو شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كورلا- شىئەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتنايدىغان تۇنجى N5489-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان شىئەن ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، 28-ئاۋغۇست سائەت 19:00دا كورلا ئايرودۇرۇمىغا قوندى، بۇ، شەرق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كورلىدىن شىئەنگە قەرەللىك قاتنايدىغان بىۋاستە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    كورلا ئايرودۇرۇمى يەر يۈزى مۇلازىمەت بۆلۈمىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھەر ھەپتىدە تۆت قېتىم ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، ئايرىم ھالدا دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئايروپىلان قاتنايدىكەن. ھازىرغىچە كورلا ئايرودۇرۇمىدا چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، بېيجىڭ، شاڭخەي خۇڭچياۋ، جېڭجۇ، چىڭداۋ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، چەرچەن، قاراماي قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىگە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئېچىلغان.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365683791