سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتىدىن پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-30

 شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 38–قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتىدىن پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

 لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8–ئاينىڭ 29–كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 8–ئاينىڭ 29–كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 38–قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات بىزنىڭ يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشىمىزدىكى مۇھىم تەرەپ. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى جەزمەن چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتىدىن پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتقا بولغان ئىرادىنى كۈچەيتىپ، جاسارەتنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شەكىللەنگەن ئىسلاھاتتىكى يېڭى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي بوشاشماي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا ‹‹ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسى ۋە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر››، ‹‹يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاش، بىرلەشتۈرۈش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش جەھەتتە ئىزدىنىش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ لايىھەسى››، ‹‹كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى قۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››، ‹‹سودىيە، تەپتىش ئەمەلدارىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمىسىنى ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش رامكىسى توغرىسىدىكى پىكىر›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش دوكلاتى››، ‹‹نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ بوشلۇق يىرىك پىلانى(يىرىك پىلانلارنى بىرىكتۈرۈش)نى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات›› قاراپ چىقىلدى.

 يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون قۇرۇش ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتىكى چوڭ ئىستراتېگىيەسى. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسى ۋە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى ئېچىش، قوغداشتىكى ئاساسىي تۈزۈملۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسى ئەندىزىسىنىڭ شەھەر – ناھىيە قاتلىمىدا دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلارنى پەرقلەندۈرۈپ، ماس راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى ئېچىش، قوغداش ئەندىزىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بوشلۇق تەرەققىياتى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاش، بىرلەشتۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىش جەھەتتە ئىزدىنىش يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يول. يېزا ئىگىلىكىنى مالىيە جەھەتتىن قوللاش سىياسىتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى مالىيە جەھەتتىن قوللاش سېلىنمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ساھە ئىچىدىكى مەبلەغنى بىرلەشتۈرۈش بىلەن ساھەلەر ئارىسىدا مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى مەملىكەت مىقياسىدا سىناق قىلىش ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھىم تەدبىر. ئالدىنقى قارارلىق نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنىڭ تۆلەم دائىرىسى، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى، تۆلىتىش سۇبيېكتى ۋە زىياننى تۆلەش، مەسىلىنى ھەل قىلىش يولى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇناسىپ باھالاپ بېكىتىش، باشقۇرۇش ۋە تېخنىكا سىستېمىسى، مەبلەغ كاپالىتى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۆلەم بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى قۇرۇش ئاساسىي قاتلامنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى ئىزدىنىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەت بولۇپ، بۇ، كەنت ئاھالىسى ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىسىنى مەنبەدىن چەكلەش، كەنتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، تۈزۈم، لايىھەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش سۇبيېكتى، مەزمۇنى، ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، كەنت پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى كەنت ئاھالىسى ئاپتونومىيە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىسى، ئاممىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتى ۋە كەنتنىڭ كوللېكتىپ مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا – كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، سودىيە، تەپتىش ئەمەلدارلىرىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما. ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى باشتىن – ئاخىر داۋاملاشتۇرۇپ، سودىيە، تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي ۋە كەسپىي ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىشتات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش – چەكلەشنى كۈچەيتىپ، كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى قېلىپلاشقان، ئېنىق سىياسىي ئاساسقا ئىگە قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمىسىنى ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ ئەدلىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا، خەلقنىڭ ئەدلىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، قانۇن يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەدلىيە ھوقۇقى ھەرىكىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق زامانىۋى پەن – تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى شەكىللەندۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش ئىناۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەز بىر تۇتاش پىلانلاش، ئۆلكە باش مەسئۇل بولۇش، شەھەر – ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۆتكەلگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىشتەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، ئالاقىدار جايلار تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قاتلاممۇ قاتلام نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، نىشان، ۋەزىپە ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، پائال ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا ئالاقىدار تۈزۈم، مېخانىزملار مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمى كۈچەيتىلىپ، نامراتلارنى يۆلەشنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، نامراتلارنى يۆلەشنى تەكشۈرۈش – باھالاش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

 يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ‹‹يىرىك پىلانلارنى بىرىكتۈرۈش››نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، بوشلۇق يىرىك پىلانى تۈزۈش، قوغداش – ئېچىش ۋەزىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، پىلانلاش – باشقۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇش، بوشلۇق يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇش – كونترول قىلىش سىستېمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، بوشلۇق يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان بىر تۈركۈم تەجرىبە، ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدەندى. كېيىنكى قەدەمدە، بوشلۇق يىرىك پىلانى داۋاملىق تۈزۈلۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، بوشلۇق يىرىك پىلانىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ۋە يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى 5 يىل ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسى پۇختىلانغان، تەدرىجىي چوڭقۇرلاشقان، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 5 يىل، شۇنداقلا ئىسلاھات مەركەزلىك ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان، نەتىجىلەر كۆرۈنەرلىك بولغان، تەجرىبە توپلانغان 5 يىل بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، كادىرلار ۋە ئامما ئىسلاھاتقا پائال ئاتلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، كەسكىن ئىشلەپ، يۇقىرى – تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، پۇختا قەدەم تاشلاپ، ئىسلاھاتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، ئىسلاھاتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ روشەن بايرىقى ۋە ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندۇردى.

 پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 5 يىلدىن بۇيان مۈشكۈل، مۇرەككەپ ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئالدىدا، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىرادە ۋە كۈچ بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقاردى. بىز تۈزۈلمە – مېخانىزم قاتلىمىدىن باشلاپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھاتنى چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، يولغا قويۇلغان لايىھەسى كۆپ، چېتىشلىق مەنپەئەت دائىرىسى كەڭ، ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقى زور بولۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالەتكە يەتكۈزدۇق. بىز 1 ئۈلۈش ئورۇنلاشتۇرۇش، 9 ئۈلۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تاش، تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك جاسارەت بىلەن تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەيدىنپەي ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات يېڭى تەجرىبىلىرىنى ياراتتۇق ۋە توپلىدۇق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان رەھبەرلىك كۈچى ۋە نوپۇزىنى ئۆستۈرۈش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات جەريانىدا ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىش، ئىشەنچنى چىڭىتىش، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش، قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈش، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۈپ سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

 ئىسلاھاتنى داۋاملاشتۇرۇشقىلا بولىدۇكى، توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. پىلاننى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3–، 4 –، 5 –، 6 –ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىدىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن مۆلچەردىكىگە ئۇيغۇن بولدى. يولغا قويۇلغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي جەھەتتىن باھالاپ، تېخى ئەمەلىيلەشمىگەن ياكى ئەمەلىيلىشىش ئۈنۈمى مۆلچەردىكىگە يەتمىگەن ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدىن كېيىن داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

 مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365683611