سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ماھىرلىرى مۇسابىقىگە ئومۇميۈزلۈك ئاتلاندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-29

    مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرلىرى 28 – ئاۋغۇست تيەنجىن شەھىرىدىكى ھەر قايسى تەنھەرىكەت مەيدان – سارايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. شىنجاڭ تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ماھىرلار شۇ كۈنى قىلىچۋازلىق، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، ساھىل ۋالىبولى، قارىغا ئېتىشتىن ئىبارەت تۆت تۈر بويىچە مۇسابىقىگە چۈشتى. ساھىل ۋالىبولى ماھىرلىرىمىز سەۋىيەسىنى نورمال جارى قىلدۇرغان بولسىمۇ، قارىغا ئېتىش، قىلىچۋازلىق، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرلىرىگە قاتناشقان ماھىرلىرىمىز تاللاش باسقۇچىدىلا شاللىنىپ كەتتى.

    مەملىكەت بويىچە ئەر – ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە 24 تىن كوماندا قاتناشقان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۈرى بولغان ساھىل ۋالىبولى مۇسابىقىسىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئەرلەر كوماندىسىدىن بىرى، ئاياللار كوماندىسىدىن ئىككىسى ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنىدى. شۇ كۈنى تيەنجىندىكى ‹‹دۇڭجياڭ قولتۇقى›› مەنزىرە رايونى ساھىل ۋالىبولى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى كۈندىكى مۇسابىقىدە، ئايال ماھىرلىرىمىزدىن ۋېن شۇخۇي بىلەن شيا شىنيى ئىككى مەيداندا ئايرىم - ئايرىم 21:9 ۋە 21:8 نومۇرلۇق نەتىجە بىلەن جېجياڭ ماھىرلىرىنى يېڭىپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. ئەر ماھىرلىرىمىزدىن نۇرئەلى رېھىم بىلەن ۋاڭ يۈەن ئىككى مەيداندا ئايرىم - ئايرىم 21:9 ۋە 21:12 نومۇرلۇق نەتىجە بىلەن رەقىبلىرىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، 2013 – يىلى دۆلەتلىك ئەرلەر ساھىل ۋالىبولى كوماندىسىغا تاللانغان، ھازىر مەملىكەت بويىچە رەت تەرتىپتە 1 – ئورۇندا تۇرۇپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 1 – نومۇرلۇق ‹‹ئۇرۇق ماھىر›› دەپ قارالغان، شىنجاڭ بىلەن ئازادلىق ئارمىيە كوماندىسى تەڭ تەربىيەلەۋاتقان ئابدۇخالىقجان مۇتەللىپ سەپدىشى باۋ جيەن بىلەن يۇقىرى سەۋىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئايرىم - ئايرىم 21:15 ۋە 21:9 نومۇرلۇق نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭدى.

    شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللارنىڭ 10 مېتىردىن يەل مىلتىق بىلەن قارىغا ئېتىش تۈرى ۋە ئەرلەرنىڭ 50 مېتىردىن تاپانچىدا قارىغا ئېتىش تۈرىگە ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئۈچ نەپەر ياش ماھىر قاتناشقانىدى. ئەمما ئىككى ماھىرىمىز 547 ۋە 546 ھالقىلىق نەتىجە بىلەن 30 – ۋە 33 – بولۇپ، سالاھىيەت مۇسابىقىسىدىلا شاللىنىپ كەتتى. ئاياللارنىڭ 10 مېتىردىن يەل مىلتىق بىلەن قارىغا ئېتىش تۈرىگە قاتناشقان ماھىرىمىز يې جىخېڭ 380 ھالقىلىق نەتىجە بىلەن 8 – بولغان ماھىردىن 1 ھالقا كەم تەگكۈزۈپ قويۇپ، ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا مېدال تالىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365656171