سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

2017-يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ بېسىپ چىقىرىشقا بولىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-29

     2017-يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى 16-سېنتەبىر ئېلىنىدۇ. 1-سېنتەبىردىن باشلاپ، 2017-يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى بېسىپ چىقارغىلى بولىدۇ. شىنجاڭ ئىمتىھان رايونىدىن 17 مىڭ 728 ئادەم ئىمتىھانغا تىزىملاتقان بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدا توققۇز ئىمتىھان رايونى بار.

    مۇخبىرنىڭ 28-ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى ئەدلىيە ئىمتىھان باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1-سېنتەبىردىن 15-سېنتەبىرگىچە 2017-يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقانلار ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تورىغا چىقىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى بېسىپ چىقارسا بولىدىكەن. 

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365656161