سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە چېگرادىن كىرىش–چىقىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-29

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن كىرىش – چىقىشنى باشقۇرۇش قانۇنى››نىڭ يولغا قويۇلۇش، ئىزچىللاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى.

    تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چېگرادىن كىرىش – چىقىشنى باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش – چىقىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە سۇنۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېگرادىن كىرىش – چىقىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365656151