سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋانىنى باھالاش خىزمىتى باشلاندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-29

    2017-يىللىق شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى، بۇ يىللىق باھالاش خىزمىتىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاقىنى باھالاش ئوتتۇرا-باشلانغۇچتىكى ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاشتا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىدا مەسىلىسى بارلارنى «بىر بېلەت بىلەن رەت قىلىش تۈزۈمى» يۈرگۈزۈلىدىكەن. 

    مۇخبىرنىڭ 28-ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋان باھالاش خىزمىتىدە دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇنۋان باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى كونكرېت تەشكىللەپ يولغا قويىدىكەن. ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى ۋە ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، ‹‹ئاشكارا، ئادىل، رىقابەت، ئەلالىرىنى تاللاش›› پىرىنسىپى ۋە «باھالاپ تەكلىپ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش» تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ماسلىشىپ، ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋانىغا ئىلتىماس قىلىش، كۆرسىتىش ۋە باھالاش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئېلىپ بارىدىكەن.  

    2017-يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئالىي ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋانى ۋە رايون تەۋەلىكتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋانىنى باھالاش خىزمىتى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.  

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365656131