سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-29

    شى جىنپىڭ ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

    ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

    ليۇ يۈنشەن ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى پارتىيەنىڭ ناھايىتى مۇھىم خىزمىتى، ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2015- يىلى ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. 2 يىلدىن بۇيان ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتىدا ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. بىز تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئىدىيەدە داۋاملىق بىرلىككە كېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «سىياسىۋىلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىق»نى كۈچەيتىشنى زىچ چۆرىدەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى دادىل يېڭىپ، ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاساسىنى پۇختىلاشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھات لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتىنى تەشكىللەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى، يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 8- ئاينىڭ 26- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، نىشان- ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، بىزنى ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىغان مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ زور سالماق ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك. ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىۋىلىق، ئىلغارلىق ۋە ئاممىۋىلىقنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىشنى ئىسلاھاتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇملۇقىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، خىزمەتنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىشىمىز، خەلقنى مەركەز قىلىدىغان خىزمەت يۆنىلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىمگە ۋەكىللىك قىلىش، كىم بىلەن ئالاقە باغلاش، كىمگە مۇلازىمەت قىلىش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ جەلپكارلىقى ۋە تەسىر كۈچىنى زورايتىشىمىز كېرەك. مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي قۇرۇلۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى پائال ئۆزگەرتىپ ۋە كېڭەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، كەسىپ كەيپىياتىنى پاكلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگان كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىنىڭ كۈچلۈك ئىستىھكامىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ياخشىلاش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاساسىي خىزمەت ۋە توردىكى ئاممىۋى تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى، بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ماسلاشتۇرۇش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكلەش ۋە نازارەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتىنى ھەقىقىي تۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

    سۆھبەت يىغىنىدا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، جۇڭگو پەن- تېخنىكا جەمئىيىتى، جۇڭگو مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم، شەندۇڭ ئۆلكىسى تېڭجۇ شەھەرلىك پارتكوم، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرى بېيلۇن رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى فۇجيەن ئۆلكىسى چۈەنجۇ شەھىرى فېڭزې رايونلۇق كومىتېتى، شەنشى ئۆلكىسى لىنفېن شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار دوكلات سۆزى قىلدى.

    ليۇ چىباۋ، لى جيەنگو، لى يۈەنچاۋ، جاۋ لېجى، لى جەنشۇ، دۇ چىڭلىن، جاۋ خۇڭجۇ، ياڭ جىڭ، شېن يۆيۆ، ۋەن گاڭ يىغىنغا قاتناشتى.

    ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ھەم مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365655861