سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى ئەندىزىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-29

 شى جىنپىڭ خېبېي سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىنى قۇرغۇچىلارنىڭ تەسىرلىك ئىش–پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى ئەندىزىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8–ئاينىڭ 28–كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خېبېي سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىنى قۇرغۇچىلارنىڭ تەسىرلىك ئىش–پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خېبېي سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىنى قۇرغۇچىلار 55 يىلدىن بۇيان پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ‹‹ھەممە يەرنى قۇم باسقان، قۇشلار قونىدىغانغا دەرەخمۇ تېپىلمايدىغان›› چۆل–باياۋان، قۇملۇقتا جاپالىق كۈرەش قىلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، دەشت–باياۋاننى چەكسىز ئورمانلىققا ئايلاندۇرۇپ، مۆجىزە ياراتتى، سۈيى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شەرھلەپ، بۇرچنى ئېسىدە چىڭ ساقلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت سەيخەنبا روھىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ ئىش–پائالىيەتلىرى تولىمۇ تەسىرلىك بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جانلىق مىسالى بولالايدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سەيخەنبا روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، توختىتىپ قويماي، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى ئەندىزىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئەۋلادلارغا ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك گۈزەل مۇھىت قالدۇرۇشى كېرەك.

 خېبېي سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۈلگىلىرىدىن ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش سۆھبەت يىغىنى 8–ئاينىڭ 28–كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنىڭ جانلىق نامايەندىسىدۇر، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنىڭ مول مەزمۇنى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، سەيخەنبا روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا دائىر تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېشىل تەرەققىيات شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

 سەيخەنبا خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىلگىرى بىپايان چۆل–جەزىرە ئىدى. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەر باش ئەگمەيدىغان كۈرەش ئىرادىسى ۋە تەن بەرمەيدىغان زىممىسىگە ئېلىش روھى بىلەن كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىليون مو سۈنئىي ئورمان بەرپا قىلدى. ھازىر سەيخەنبا ھەر يىلى بېيجىڭ، تيەنجىن رايونىغا 137 مىليون كۇب مېتىر تازىلانغان سۇ يەتكۈزۈپ، 550 مىڭ توننا ئوكسىگېن قويۇپ بېرىپ، بېيجىڭ، تيەنجىننى قوغداشتىكى مۇھىم ئېكولوگىيەلىك توسۇق بولۇپ قالدى. 

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365655761