سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 13- تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خەتلىرىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-29

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 22 ئەتراپىدا ئاپتونوم رايونىمىزغا 13- تۈركۈمدىكى 91 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 72 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 19 پارچە.

    بۇ تۈركۈمدە ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 72 پارچە ئەرزىيەت خېتى رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى 40 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ 55.6%ىنى ئىگىلىگەن؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 7 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %9.7ىنى ئىگىلىگەن؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 6 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %8.3ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قومۇل شەھىرىنىڭ 3 پارچىدىن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 2 پارچىدىن، تارباغاتاي ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 1 پارچىدىن ئىكەن، قاراماي شەھىرى بىلەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىشلىق مەمۇرىي رايون ھالقىپ بېجىرىدىغىنى 1 پارچە ئىكەن. 8- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 1 ئەتراپىدا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 72 پارچە ئەرزىيەت خېتى تەرتىپ بويىچە ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

    بۇلغىنىش تۈرىدىن قارىغاندا، قاتتىق تاشلاندۇق تۈرىگە چېتىلىدىغىنى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %23.9ىنى ئىگىلىگەن؛ ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى 2- ئورۇندا بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %22.7 ىنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، شاۋقۇن تۈرىدىكىلەر %17نى، ئىس- تۈتەك تۈرىدىكىلەر %8نى، چاڭ- توزان تۈرىدىكىلەر %11.4نى، سۇنىڭ بۇلغىنىشى تۈرىدىكىلەر %6.8 نى ئىگىلىگەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365646191