سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بەس- بەستە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-29

    ېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ھەم تەتىلدە شىنجاڭغا قايتقان ئوقۇغۇچىلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوننىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس سالدى.

    شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى:

    ئۆگىنىش- تەربىيە ھەم دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرىمىز

    شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى 8- ئاينىڭ 16- ، 17- كۈنلىرى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە مەكتەپتە قالغان 40 نەچچە ئوقۇغۇچىنى تەشكىللەپ، «چوڭقۇر پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، <ئۈچ خىل كۈچ> ۋە <ئىككى يۈزلىمىچى>لەرگە جەڭ ئېلان قىلىش» سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە ۋە تونۇشىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس سالدى.

    شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پەن تەتقىقات باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رازىيەم ۋارىس مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشكە ۋە تەربىيەلەشكە توغرا كېلىدۇ. مەن ئۆزەمنىڭ ئۆگىنىش ۋە خىزمەت تەجرىبىلىرىم ئارقىلىق ئۇلارغا ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەيدىغان گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ مەكتەپكە سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسىمەن.

    شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى دېھقانچىلىق ئىنستىتۇتى ئۆسۈملۈك ئاسراش كەسپىنىڭ 3- يىللىق ئوقۇغۇچىسى سادام ئوبۇلقاسىم مۇنداق دېدى: يۇرتۇمدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىننەتدارلىقنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بارلىق ھىيلە- مىكىرلىرى ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي بىتچىت قىلىمەن.

    شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كاڭ خۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىز دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئوقۇش باشلاشتىن ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى مەخسۇس ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ ھەم پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەرقايسى پارتىيە باش ياچېيكىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئۆگىنىشتە باشقىلارنى يېتەكلەپ، باشلامچىلىق بىلەن لېكسىيە سۆزلەشنى، ئىدىيەۋى، سىياسىي بۆلۈمدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئوقۇغۇچىلار مەركەزلىك تەربىيەلەنگەن، ئۆگىنىش قىلغان مەزگىلدە، ئالاقىلىشىش نۇقتىسىدىكى مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئىنستىتۇت رەھبەرلىرى، «سىنىپقا، ياتاققا، ئاشخانىغىچە كىرىش، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوستلىشىش»قا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار ۋە سىنىپ مەسئۇللىرى پۈتۈن جەريانغا قاتنىشىپ، ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بېرىش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. ئىشنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق ھالقىدىن باشلاپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەممە كىشىنى قاتناشتۇرۇپ، ھەممە كىشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرىمىز.

    غەربىي جەنۇب قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى:

    تەتىلدە شىنجاڭغا قايتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە شىنجاڭدىكى مەكتەپداشلارنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە تەشكىللەيمىز

    غەربىي جەنۇب قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، تەتىل مەزگىلىدە شىنجاڭغا قايتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە شىنجاڭدىكى مەكتەپداشلارنى تەشكىللەپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش بويىچە «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

    بۇ پائالىيەتكە يەر شارى ئىلمى ۋە مۇھىت قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچىسى ياڭ دۇچياڭ مەسئۇل بولدى. 8- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى − شىنجاڭ «1- ئاۋغۇست» پولات- تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ تارىخ سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى؛ 8- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئەترىتى پولات شەھىرى تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى شەرقىي غول ئۆستەڭ مەھەللىسىدىكى 100دىن ئارتۇق خىزمەتچى بىلەن بىرلىكتە ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، غەربىي جەنۇب قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى نۇرنىجات نۇرئەلى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش نۇتىقى سۆزلىدى.

    8- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئەترىتىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار مەكتەپدىشى يۈسۈپجان ئىشلەۋاتقان شىركەتنىڭ يىغىن زالىغا كېلىپ، شىنجاڭدىكى مەكتەپداشلىرىنىڭ 12 ۋەكىلى بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. ياڭ دۇچياڭ مۇئەللىم ۋە كۆپچىلىك بىرلىكتە مەكتەپنىڭ تارىخى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە مەكتەپنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تەرەققىيات ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردە پاراڭلىشىپ، غەربىي جەنۇب قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 121 يىلدىن بۇيانقى ئوقۇتۇش مۇساپىسى، غەربىي جەنۇب قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغاندا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالغان بىر قاتار تارىخىي ئىش- ئىزلىرى، بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىلدە مەكتەپنىڭ پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن «گۈللىنىش» ناملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا ئاكتىپ قاتناشقانلىقى قاتارلىق ئىشلارنى ئەسلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغاندىلا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم بولىدىغانلىقى، گۈللەپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا مەكتەپداشلاردىن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365645971