سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-29

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ئازات ئۆمۈر

    شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ھەر مىللەت خەلق بۇ ئوتلۇق زېمىننى ئورتاق ئېچىپ گۈللەندۈرگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەملىكىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلاردا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، شەھەر- يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، نامرات، قالاق رايون تەرەققىي قىلىپ، ئاۋات، گۈللەنگەن رايونغا ئايلاندى، ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، بەختىيار، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

    «ئۈچ خىل كۈچ» ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، «مىللەت»، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىپ، كىشىلەرنى مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، تەستە قولغا كەلگەن بەختىيار تۇرمۇشىمىزغا ئامالىنىڭ بارىچە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇلار پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى تەپتارتماي ھاقارەتلەپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى تەپتارتماي ئۆزگەرتىپ، سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسى، ئىقتىسادىي تۈزۈم، مەدەنىيەت- سەنئەت، ئېتىكا- ئەخلاق، ئۆرپ- ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئارىسىغا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ھەر تەرەپلىمە سىڭىپ كىردى. ئۇلار «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن سەپسەتىنى كۈچىنىڭ بارىچە تەرغىب قىلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىپ، ھەر مىللەت خەلققە زور زىيان يەتكۈزۈپ، نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئالدىدا ئېغىر چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزدى.

    مەن كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر، بىرلىك سەپ سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا كۆپ يىل بولغاچقا، بۇ جەھەتتە چوڭقۇر تونۇشقا ئىگىمەن. مەن ئىزچىل شۇنداق قاراپ كەلدىمكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، بىز ئۇيغۇرلار بۈگۈنكىدەك گۈللەپ ياشنىيالمايتتۇق، تەرەققىي قىلالمايتتۇق ۋە ئالغا باسالمايتتۇق، بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خاتىرجەم، بەختىيار تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى، مەنمۇ ئۆسۈپ يېتىلەلمىگەن، ئالغا ئىلگىرىلىيەلمىگەن بولاتتىم. ھەر مىللەت خەلق ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەندىلا، دۆلەت تېخىمۇ گۈللىنىدۇ، روناق تاپىدۇ ۋە قۇدرەت تاپىدۇ، شەخسلەرمۇ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلالايدۇ؛ تەقدىرىمىزنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەندىلا، ئىستىقبالىمىز پارلاق بولىدۇ، كەلگۈسىمىزدىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.

    بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش بىرىنچى تەلەپ. بىز چوقۇم سىياسىي جەھەتتە زېرەك ئادەم، ئېتىقاد جەھەتتە سادىق ئادەم بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىدىيەدە يادرونى تونۇپ، سىياسىيدا يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يادروغا ئەگىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىمىزنى، بىرىنچى ۋەزىپىمىزنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىنتىزام چەكلىمىسىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىردەكلىكىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ پىرىنسىپاللىق مەسىلىدە باشتىن- ئاخىر بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىشىمىز، تونۇشىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىچى- تېشىمىزنى بىردەك، پوزىتسىيەمىزنى قەتئىي قىلىشىمىز، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

    مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بىرلىك سەپ سىستېمىسىدىكى رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىككى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق بويسۇنۇشىمىز كېرەك، سىياسىي مەسئۇلىيىتىمىزنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي يۆنىلىشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇشىمىز، دىققىتىمىزنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خىزمەت ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ئاتاكىغا ئۆتۈپ، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىمىزگە ئېلىپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە سۆز- ھەرىكەتلىرىگە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» بۇرمىلىغان تارىخنىڭ، ئويدۇرۇپ چىقارغان سەپسەتىلەرنىڭ زەھىرىنى تازىلاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ سىنىقى ئالدىدا مەيدانىمىزنى قەتئىي مۇستەھكەم قىلىشىمىز كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنىڭ ئۆز مىللىتىمىز ئارىسىدىكى تەسىر كۈچىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي، كەسكىن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش قەلب سادايىمىزنى دادىل ئىپادىلەپ، بايرىقىمىز روشەن، سىياسىي مەيدانىمىز مۇستەھكەم، ھەرىكىتىمىز قەتئىي ئۈلگىلەردىن بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

    ئىناقلىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى باشتىن- ئاخىر بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئالدىنقى سەپ بازىسى بولۇپ كەلدى، بىرلىك سەپ سىستېمىسىدىكى كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، نۆۋەتتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ھايات- ماماتلىق سىناقلىرىدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز، بۇرچ تۇيغۇمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىك سەپنىڭ قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئېلىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەشتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، تىنچ، كەڭ قورساق بولىدىغان قاراشلار ئارقىلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى يېتەكلەپ، دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىققا، دەۋرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە، ساغلام، مەدەنىيلىككە پايدىلىق بولغان دىنىي ئەقىدە ۋە دىنىي قائىدىلەرنى قېزىپ چىقىشىنى قوللاپ، دىنىي ئەقىدە ۋە دىنىي قائىدىلەرنى ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەلىپىگە، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىلىپ شەرھلەپ، «يېتەكلەش»تە ماھىر بولۇش، «يېتەكلەش»تە قابىل بولۇش، «يېتەكلەش»تە ئۈنۈم قازىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىنلار ئىناقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى سىياسىي كۈرەش ئىكەنلىكىنى؛ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىشىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى مۇقەددەس بۇرچ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك.

    ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىز بارلىق ئۇيغۇر كادىرلار ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇرچىمىزنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە بۇرچ تۇيغۇمىز ئارقىلىق بايرىقىمىز روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئەسەبىيلىكنى پەيدا قىلىدىغان تۇپراقنى تۈپتىن يوقىتىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زەھىرىنى تولۇق تازىلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365645761