سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈشكە يول قويمايمىز

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-29

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى غەيرەت سالىيوف

    شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپلا ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياشاپ كەلگەن ماكان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلدى ۋە شىنجاڭنى ئالاھىدە قوللىدى. بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ھەرقايسى قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولۇپ، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان، مۇقىم، ئىناق، ئېچىۋېتىلگەن، زامانىۋى سوتسىيالىستىك شىنجاڭ كىشىلەر ئالدىدا نامايان بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ جاي- جايلىرىدا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيادىكى سىياسىي ئەربابلار، ئاقىللار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بەس- بەستە مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلغان، ئىناق- ئىتتىپاق قىياپىتى تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ ياخشى بولۇپ، غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئېرىشكەن چۈشەنچىمىزنى ئۈزۈل- كېسىل ئۆزگەرتتى. نۇرغۇن كىشى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك مۇسۇلمانلار ئىكەن.

    لېكىن چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» تارىخ ۋە رېئاللىققا كۆز يۇمۇپ، ۋەتەننى پارچىلاشتەك رەزىل نىيەتتە بولۇپ، غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن، شىنجاڭدا «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» سەپسەتىسى ۋە ئەسەبىي ئىدىيەنى كۈچىنىڭ بارىچە تەرغىب قىلىپ ۋە تارقىتىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پىلانلاپ، كۈشكۈرتۈپ، پەيدا قىلىپ، مىللىي ئارازلىق تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلكىگە ئېغىر زىيان سالدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلار غەرب دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە پىتنە- ئىغۋا تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈشىگە، شىنجاڭنى ھاقارەتلىشىگە، شىنجاڭغا قارا چاپلىشىغا ھە دەپ ماسلاشتى. ئۇلار ئوغرىنىڭ ئوغرىنى تۇت دەپ ۋارقىرىغىنىغا ئوخشاش ۋارقىراشقا، قۇۋلۇق- شۇملۇق قىلىشقا، ئاق- قارىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىشقا، پىتنە- پاسات ئويدۇرۇپ چىقىشقا، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈشكە ئادەتلەنگەن، ئۇلاردا تۆۋەن چەك ياكى نومۇس دەيدىغان ئۇقۇم يوق. «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن «قوش تىل» مائارىپىنى يولغا قويغانلىقىمىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقاتقانلىق، دېدى؛ ئۇلار دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئىسكەنجىگە ئالدى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تۇرمۇشى ئۈچۈن تەدبىر قوللانغانلىقىنى ھۆكۈمەت دىنىي پائالىيەتلەرگە ئارىلاشتى ۋە ئۇنى چەكلىدى، دەپ پىتنە- ئىغۋا توقۇپ، ھۆكۈمەتنى قارىلىدى؛ ئۇلار دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، نومۇس قىلماي ھەممە جايدا قاتراپ يۈرۈپ ئالدامچىلىق قىلىدىغان، يالغانچى، ساختىپەز جىنايەتچىلەرنى «جۇڭگو خەنزۇ ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى تۇرغۇچى جەڭچى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى» دەپ ماختاپ كۆككە كۆتۈردى.

    «سۇيىقەستچىلەرنىڭ غەرىزى ھەممىگە ئايان». چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» ئۆزىنى مىللەت مەنپەئىتىنىڭ ۋەكىلى، دەپ ئاتىۋالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار دۆلەت ۋە مىللەت ئالدىدىكى جىنايەتچى، غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ غالچىسى، پېچكىسى. ئۇلار غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ زەمبىرىكىگە يەم بولۇشقا رازىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، بولۇپمۇ كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار تەپتارتماي، داۋاملىق پىتنە- ئىغۋا تارقىتىپ، شىنجاڭغا قارا سۈركىگەچكە، شىنجاڭغا نىسبەتەن ئىزچىل خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتتى.

    پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۆپ يىلدىن بۇيان سىرتقا ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى ئىجابىي چۈشەندۈرۈپ كەلدىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى قايتا تىكلەشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ كەلدىم. بۇ، مېنىڭ كەسپىمگە قويۇلغان تەلەپ، تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ، مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم.

    بىرىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، مەڭگۈ شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى قەتئىي قوغدىغۇچىلاردىن بولىمەن. شىنجاڭنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈشكە بولمايدۇ، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ خالىغانچە ھاقارەتلىشىگە، قارىلىشىغا قەتئىي يول قويۇشقا بولمايدۇ. مەن تېخىمۇ كەسكىن جاسارەت، تېخىمۇ قەتئىي كۈرەش قىلىش ئىرادىسى بىلەن چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ خىرىسىغا بىۋاسىتە تاقابىل تۇرۇپ، ئۇلارغا قارشى ئەڭ قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئاۋۋال دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، سەپسەتىلەرنى ئېچىپ تاشلاپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى قوغدايمەن.

    ئىككىنچىدىن، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەڭگۈ شىنجاڭنىڭ ئىجابىي ساداسىنى ئۈنۈملۈك تارقاتقۇچى بولىمەن. شىنجاڭنىڭ ئىجابىي ساداسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەڭ سەمىمىي يۈرەك ساداسى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاشتىكى ئەڭ قايىل قىلارلىق پاكىت. مەن ئۆزۈمنىڭ پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلىق سىرتقا تارقىتىش ئەۋزەللىكىمدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ تىرىشىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، ۋەتەننى سۆيۈش، مۇقىملىققا كۆڭۈل بۆلۈش، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتەك يۈرەك ساداسىنى تارقىتىپ، چەت ئەلدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭنى بىلىش، شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭنى قوللاشقا پائال يېتەكلەيمەن ۋە قولغا كەلتۈرىمەن.

    ئۈچىنچىدىن، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىرتقا قارىتا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنىڭ مەڭگۈ سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ» يوقىتىلمىغىچە، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتىن توختىمايمەن. تاشقى تەشۋىقات سېپىدىكى پېشقەدەم ئەسكەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بارلىق تاشقى ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدىن تېخىمۇ ئاكتىپ پايدىلىنىپ، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى ھەر خىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ساداسىنى كۈچلۈك ياڭرىتىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ھەقىقىي شىنجاڭنى، تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭنى چۈشەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365645541