سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

لى پېڭشىن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-29

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 8- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 67- ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ، بۇ مەكتەپتە مەركەزلىك تىزىمغا ئالدۇرۇپ تەربىيەلىنىۋاتقان ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى ھەم ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى. ئۇلارنى پۇرسەتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بالدۇرراق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

    لى پېڭشىن بۇ يىلقى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى مەركەزلىك تىزىملاش، تەربىيەلەش ۋە بىر تۇتاش كۈتۈۋېلىش، ئۇزىتىش بېكىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەييارلىق ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم يېڭى ئوقۇغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرۇش نۇقتىسىدىكى ئاشخانا، ياتاق، شىپاخانىغا كىرىپ، ئالاقىدار ئەسلىھەلەرنى كۆرۈپ چىقتى. لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىقنى ئورۇنداش جەھەتتە كۆپلىگەن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

    «ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىپ خۇش بولدىڭىزمۇ؟»، «خۇش بولدۇم». «ئاتا- ئانىڭىز خۇش بولدىمۇ؟»، «خۇش بولدى». ئاقتۇ ناھىيەسىدىن كەلگەن، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچى شەھىدە ئىمام جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يەنچېڭ شەھىرى تيەنجيابىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىندى، لى پېڭشىن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭىدىغان ساۋاقداشلارغا ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئىچكىرىگە بارغاندىن كېيىن ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق ئالغا بېسىپ، يېڭى مۇھىت ۋە تۇرمۇشقا تېزدىن ماسلىشىشنى تاپىلىدى.

    لى پېڭشىن يەنە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىگە ياردەملىشىۋاتقان، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇشقا ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى ئاسراپ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ياردەملىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى «ئائىلە باشلىقى»، «بالا باققۇچى»سى بولۇشىنى؛ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تەربىيەسى، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسى، قائىدە، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش تەربىيەسى، ئادەت يېتىلدۈرۈش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەشنى؛ «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىشىنى توسۇشنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەتنى تەربىيەلەش، مۇلازىمەت، باشقۇرۇش خىزمىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇشنى؛ ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەر بىلەن ماسلىشىپ، يېپىق ھالەتتىكى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى تەدرىجىي يۇغۇرما شەكىلدىكى تەربىيەلەش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئويناپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

    لى پېڭشىن يەنە ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كېلىپ، پويىزغا ئولتۇرۇپ ئىچكىرىگە ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزىتىپ قويدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا: سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇمىغاندەك، ئەسلىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. ئىچكىرىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، شىنجاڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي سىنىپى ئېچىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭنى گۈللەندۈرىدىغان، شىنجاڭنى راۋاجلاندۇرىدىغان ھەر مىللەت ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتىكى مۇھىم قارارى، بۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس تۆھپە قوشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. سىلەرنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، زور ئۈمىدنى يەردە قويماي، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پۇشايمانسىز ياشلىقىڭلار ئارقىلىق ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ تەسىرلىك سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

    ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇن مەركەزلىك تىزىملاش، تەربىيەلەش، كۈتۈۋېلىش، ئۇزىتىش پونكىتى قۇرۇش − ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكىرىگە بىخەتەر بېرىپ ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلارنى ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇن ياخشى تەربىيەلەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى تۇرمۇش مۇھىتىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قوللانغان خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، بۇ تۆمۈريول قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا، سىنىپ ئاچقان مەكتەپلەرنىڭ قوللىشىغا، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. بۇ خىزمەت 2000- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ، 2016- يىلىغىچە 123 مىڭ ئوقۇغۇچى كۈتۈۋېلىندى ۋە ئۇزىتىلدى.

    ئىگىلىشىمچە، 2017- يىلى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي سىنىپىغا 131 مىڭ 80 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى مەركەزلىك تىزىملاپ تەربىيەلەش ۋە توشۇش خىزمىتى 8- ئاينىڭ 22- كۈنى باشلانغان. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچىدىكى 6 تەربىيەلەش نۇقتىسىدا مەركەزلىك تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، تۈركۈملەر بويىچە پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئىچكىرىگە ئوقۇشقا ماڭىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365645511