سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئالدىنقى 7 ئايدا بىڭتۈەننىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىشى مۇقىم بولدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-29

    مۇخبىرنىڭ بىڭتۈەن ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بىڭتۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار بۇ يىل تۈرلۈك قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت ئومۇمىي رىتىمىنى چىڭ ئىگىلەپ، تەرەققىياتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، مەبلەغ سېلىشنى ئاساس قىلىش، سانائەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خېرىدار چاقىرىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ھەقىقىي كۈچەيتكەن، 1- ئايدىن 7- ئايغىچە بىڭتۈەننىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان.

    1- ئايدىن 7- ئايغىچە بىڭتۈەن سانائىتىنىڭ ئېشىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى؛ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى مۇقىم ئاشتى؛ نورمىدىن ئارتۇق تاۋارلارنىڭ سېتىلىش سۈرئىتى تېزلەشتى؛ ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى داۋاملىق ئاشتى.

    بىڭتۈەننىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى 29 مىليارد 278 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئاشتى. مەھسۇلات مىقدارىدىن قارىغاندا، ئىستاتىستىكىغا كىرگۈزۈلگەن 166 خىل سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ 103 خىلىدا ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلانغان، ئېشىش كۆلىمى %60تىن ئاشقان. كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش نىسبىتى %98.1 كە يەتكەن.

    بىڭتۈەننىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 96 مىليارد 947 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشتى. ياسىمىچىلىق كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ 24 مىليارد 622 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.6 ئاشتى. ئەلئارا سېلىنما 39 مىليارد 392 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.4 ئېشىپ، مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسىدىن 6.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

    بىڭتۈەندە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى 3195كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 504ى كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى تۈر 1909غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 432سى كۆپەيدى.

    7- ئايغا قەدەر بىڭتۈەننىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 6 مىليارد 532 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.6 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 7 شەھەرنىڭ باج كىرىمى 3 مىليارد 685 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى 41 مىليارد 337 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.1 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى %14.1 ئاشتى، قاتناش- تىرانسپورت چىقىمى 23.7 ھەسسە كۆپەيدى، ئېنېرگىيە تېجەش- مۇھىت ئاسراش چىقىمى 69.8% ئاشتى، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە تاراتقۇ چىقىمى 1.6 ھەسسە ئاشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365645321