سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا 5- تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتىنىڭ 40ى بېجىرىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-29

    مۇخبىرنىڭ 8- ئاينىڭ 25- كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا ماسلىشىش، ئالاقىلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 8- ئاينىڭ 25- كۈنىگە قەدەر ئاپتونوم رايونغا 5- تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 46 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 40ى بېجىرىلگەن.

    رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 5- تۈركۈمدە بېجىرىلگەن 40 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 28 پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 4 پارچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 2 پارچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 2 پارچە، قومۇل شەھىرىنىڭ 2 پارچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ 1 پارچە، تۇرپان شەھىرىنىڭ 1 پارچە ئىكەن. بۇلغىنىش تۈرىدىن قارىغاندا، قاتتىق تاشلاندۇق تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 13 پارچە، ئاتموسفېرا تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 10 پارچە، شاۋقۇن ۋە چاڭ- توزان تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 7 پارچە، بۇس تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 5 پارچە، سۇ بۇلغىنىش تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 4 پارچە، باشقا تۈردىكىلەرگە چېتىلىدىغىنى 2 پارچە، ئېكولوگىيە تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 1 پارچە ئىكەن.

    مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور قارار- ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ ئورۇنلاشقاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خەتلىرىدىكى مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرگەن.

    ئىگىلىشىمچە، ھازىرغا قەدەر مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئالدىنقى 5 تۈركۈمدە ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتىنىڭ 139 پارچىسى بېجىرىلگەن. بارلىق بېجىرىلگەن ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ بېجىرىلىش نەتىجىسى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالى، شۇنداقلا تىپىك مىساللار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى (http://www.xinjiang.gov.cn)دە ئېلان قىلىنغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365645151