سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

چاڭ- توزان تۈگەپ، تۇرمۇش مۇھىتىمىز تېخىمۇ ساپلاشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-29

    كۆز ياشاڭغىراش، چۈشكۈرۈش، ئۆيدىن چىققاندا ماسكا تاقىۋېلىش... ھەممىلا جايدىن چاڭ- توزان ئۆرلەپ تۇرسا، تۇرمۇشقا كۆپ قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك چاڭ- توزان ئۆرلەپ تۇرۇش مەسىلىسىگە قارىتا تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزەتتى، ئۇلارنىڭ ئەستايىدىل، ئەمەلىيەتچىل خىزمەت ئىستىلى ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى.

    «جۇڭچى» مىسچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مۇھىت ئاسراش بويىچە مەسىلىنى تۈزىتىپ، تېز ئۈنۈم كۆردى

    بىز 8- ئاينىڭ 22- كۈنى تۇرپان «جۇڭچى» مىسچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىدا ئىش توختىتىلىپ، تۈزەش ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، شىركەتنىڭ مەمۇرىيەت بىناسىدىمۇ مەخسۇس مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسى تەسىس قىلىنىپ، مۇھىت ئاسراش بويىچە مەسىلىنى تۈزىتىش مەسئۇلىيىتى ۋە مۆھلىتىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆردۇق.

    تۇرپان شەھىرى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تۇرپان «جۇڭچى» مىسچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مىس تاۋلاش زاۋۇتىنىڭ كۆپ چاڭ- توزان چىقىرىدىغانلىقى، شاۋقۇننىڭ كۈچلۈكلۈكى، زاۋۇتتىن كۈندۈزى قارا ۋە كۆك ئىس چىقىپ تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىدىقۇت رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە تۇرپان «جۇڭچى» مىسچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.

    ئىدىقۇت رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى بۇ كارخانىنىڭ خام، قوشۇمچە ماتېرىياللارنى، كوكس كۆمۈرى، كۆمۈر توپىسىنى ئوچۇق مەيدانغا دۆۋىلەپ قويغانلىقى، چاڭ- توزان كۆتۈرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا دېلو تۇرغۇزۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كارخانىغا ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تۈزەش ۋە تەرتىپكە سېلىش قارارنامىسى، مەمۇرىي جازا قارارنامىسى چۈشۈردى ھەم مەزكۇر كارخانىنى تۈزىتىش لايىھەسى تۈزۈپ، 9- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن بۇرۇن كېرەكسىز گازنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇلغىمىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى بۇيرۇدى.

    ئىدىقۇت رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى بۇ كارخانىنى قايتا بىرلىكتە تەكشۈرۈپ، نەق مەيداندا بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش قارارىنى ئىجرا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە توختاتقانلىقى، نەق مەيداندا بۇرۇننى غىدىقلايدىغان پۇراق يوقلۇقى، ئەمما بۇ شىركەتنىڭ كۆمۈر توپىسى قاتارلىق خام ماتېرىيال ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللارنى يەنىلا ئوچۇقچىلىققا دۆۋىلەپ قويغانلىقى، چاڭ- توزاندىن مۇداپىئەلىنىدىغان ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى ئېنىقلىدى.

    ئىدىقۇت رايونى بۇنىڭغا قارىتا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى تۈزىتىش قارارنامىسى چۈشۈرۈپ، بۇ كارخانىنىڭ زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى تېزدىن تۈزىتىشىنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشتىن بۇرۇن مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، كارخانىنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ رەتكە سېلىش لايىھەسى تۈزۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش، تۈزەپ رەتكە سېلىش، يېپىش، سۇ چېچىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، چاڭ- توزان كۆتۈرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

    تۇرپان شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ ۋېنشېڭ 8- ئاينىڭ 22- كۈنى ئىدىقۇت رايونى، شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ، «جۇڭچى» مىسچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مىس تاۋلاش زاۋۇتىغا بېرىپ، بۇ كارخانىنىڭ مۇھىت ئاسراش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىگە نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

    ئىدىقۇت رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي شۆگۇاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى مەزكۇر كارخانىغا ئورۇنلىشىپ، كارخانىدىكى مەسىلىنى كېچە- كۈندۈز تۈزىتىش، خىزمەتكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىنى نازارەت قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى، رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە كارخانىنىڭ بىر ئاي ئەتراپلىق تەرتىپكە سېلىش ۋە تۈزىتىش ئارقىلىق كارخانىنى مۇھىت ئاسراش بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆلچىمىگە ئومۇميۈزلۈك يەتكۈزۈشكە ئىشەنچى بار.

    «جۇڭچى» مىسچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مىس تاۋلاش زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لۇ ۋېنجۇ مۇنداق دېدى: كارخانىمىز ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش تەلىپىگە ئاساسەن دەل جايىدا تۈزىتىلمىگىچە، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆلچىمىگە يەتمىگىچە ئىشلەپچىقىرىشنى قەتئىي ئەسلىگە كەلتۈرمەيدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىدىقۇت رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىمۇ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئىدىقۇت رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي شۆگۇاڭنى رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىغا مۇكەممەل تەكشۈرۈش دوكلاتى تاپشۇرۇپ، رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى ئۇنىڭ بىلەن ئاگاھ سۆھبىتى قىلىشقا؛ ئىدىقۇت رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دېڭ جېڭشىنغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈپ، ئىدىقۇت رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش تەرتىپىگە ئاساسەن ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە؛ ئىدىقۇت رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى مۇھىت تەكشۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ كادىرى رەيھان باراتنى خىزمەتتىن توختىتىپ، ئىدىقۇت رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسى ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بۇيرۇدى.

    ئىدىقۇت رايونىنىڭ ئايدىڭكۆل بازىرى يەمشى كەنتىدىكى ھامۇق مامۇت مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە ياخشى ئىش قىلىپ بەرگىنىگە رەھمەت! ئىلگىرى زاۋۇتتىن دائىم ئىس چىقىپ تۇرغىنىنى كۆرەتتۇق، بەزىدە بۇرۇننى غىدىقلايدىغان گازمۇ چىقاتتى، ھازىر ھۆكۈمەت كارخانىنى تەرتىپكە سېلىپ، بىزگە پاكىز، ساپ مۇھىت يارىتىپ بەردى، بىز بۇنىڭدىن ھۆكۈمەتنىڭ تېز ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۆرۈپ يەتتۇق.

    يوللار ياسىلىپ، چاڭ- توزان چىقمايدىغان بولدى

    ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ئەرگۇڭ بېيجىڭ ئوتتۇرا يولىنىڭ شىمالىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان جاڭ سۈيپىڭ مۇنداق دېدى: 10 نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يول ئوڭغۇل- دوڭغۇل ئىدى، ھازىر تاشيولدىكى 2 ئويمان تۈزلەندى، سۇ چېچىش ئاپتوموبىلى توختىماي سۇ سېپىپ، چاڭ- توزان خېلى بېسىقىپ قالدى، بىزنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتىمىز تېخىمۇ پاكىز، رەتلىك بولدى!

    ئىگىلىشىمىزچە، ئەرگۇڭ تەنتەربىيە سارىيىغا يېقىن جايدىكى خېبېي يولى بىلەن بېيجىڭ يولى كېسىشكەن تۆت كوچا ئېغىزىدا شەرق- غەرب يۆنىلىشىدىكى مېترو تۇرۇبا لىنىيەسىنى يۆتكەش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ يول يۈزى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، دىيامېتىرى تەخمىنەن 10 - 15 سانتىمېتىر كېلىدىغان ئىككى ئورەك پەيدا بولغان. مېترو قۇرۇلۇشىدىن كېيىن يامغۇر سۈيىنىڭ تەسىرىدە تەخمىنەن 2- 3 كىۋادرات مېتىرلىق ئىككى پاتقاق يول يۈزى شەكىللەنگەن، يول بۇزۇلۇپ چاڭ- توزان ئۆرلەپ، يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەن، ئامما بۇ ئەھۋالنى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسىغا ئىنكاس قىلغان. 8- ئاينىڭ 13- كۈنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرز خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى(مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خادىملارنى تېزدىن تەشكىللەپ نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرگەن. ئەھۋالنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى(مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) مېترو قۇرۇلۇشى قىلغۇچى ئورۇننى بۇزۇلغان يول ۋە پاتقاق شەكىللەنگەن بۆلەكنى دەرھال تۈزەشكە بۇيرۇغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مېترو قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۆزگەرتىدىغان يول بۆلىكى ۋە رايونلارنىڭ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇزۇلغان يولنى ۋاقتىدا رېمونت قىلىپ، سۇ سېپىپ چاڭ- توزاننى ئازايتىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاڭ- توزان پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى(مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) مېترو قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يول بۇزۇلۇش مەسىلىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئامما ئەرز قىلغان يول بۇزۇلۇش مەسىلىسىنى تېز تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ۋاقتىدا قايتما ئىنكاس قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. يولنىڭ بۇزۇلغان ۋە پاتقاق شەكىللەنگەن بۆلىكى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى رېمونت قىلىنىپ بولۇنغان.

    بىز 8- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 16دە نەق مەيدانغا كېلىپ، خېبېي شەرقىي يولى، خېبېي غەربىي يولى بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرا يولىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇب تەرىپىدىكى يول يۈزىدىكى ئورەكلەرنىڭ تۈزلەنگەنلىكى، ئاپتوموبىللارنىڭ راۋان قاتناۋاتقانلىقىنى؛ يول يۈزى نەم بولۇپ، سۇ چېچىش ئاپتوموبىلىنىڭ دائىم ئۆتۈپ، چاڭ- توزاندىن بۇلغىنىشنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى؛ يول ئوتتۇرىسىدىكى جەنۇب- شىمال يۆنىلىشتىكى مېترو قۇرۇلۇشى مەيدانىمۇ كۆك رەڭلىك تاختا بىلەن ئايرىۋېتىلىپ، قۇرۇلۇش مەيدانىنىڭ ئۈستى قارا يوپۇق بىلەن يېپىلىپ، چاڭ- توزان ئازايغانلىقىنى كۆردۇق.

    يېقىن ئەتراپتا ئولتۇرىدىغان شەھەر ئاھالىسى جاڭ يى مۇنداق دېدى: مەسىلىلەر تېز ھەل قىلىنىپ، كۆپچىلىك رازى بولدى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تېز بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنىڭ دائىملاشتۇرۇلۇشنى، يۇرت- ماكانىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    داشقال دۆۋىسى يوقىتىلدى، ئاھالىلەر دېرىزىلىرىنى ئاچالايدىغان بولدى

    بىز 8- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سانجى شەھىرى يەنئەن جەنۇبىي يولىدىكى سانجى غەربىي رايون پار بىلەن تەمىنلەش شىركىتى پار قازان زاۋۇتىنىڭ كۆمۈر ساقلاش مەيدانىدا 12 مو يەرگە دۆۋىلەپ قويۇلغان، ئېگىزلىكى 15 مېتىر كېلىدىغان داشقال دۆۋىسىنىڭ يوقىتىلغانلىقى، بۇ ئورۇنغا قېلىن سېرىق توپا يېيىتىلغانلىقى، تېمىتىپ سۇغىرىدىغان ئىنچىكە تۇرۇبىلارنىڭ رەتلىك تىزىلغانلىقى، تېرىلغان ئوت- چۆپ ئۇرۇقلىرىنىڭ ئۈنۈپ چىقىپ، يېشىللىق پەيدا قىلغانلىقىنى كۆردۇق.

    8- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈش سائەت 13تە سانجى شەھىرى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن «سانجى شەھىرى يەنئەن جەنۇبىي يولى <سېنلىن دادى> ئولتۇراق رايونىنىڭ يېنىدىكى سانجى غەربىي رايون پار بىلەن تەمىنلەش شىركىتى پار قازان زاۋۇتىنىڭ كۆمۈر ساقلاش مەيدانىغا مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسى ئورنىتىلمىغان، شامال چىققاندا قويۇق چاڭ- توزان كۆتۈرۈلىدۇ» دېگەن ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزەتتى.

    سائەت 13تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە سانجى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ۋە شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجراچىلىرى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. ئېنىقلىنىشىچە، سانجى غەربىي رايون پار بىلەن تەمىنلەش شىركىتى پار قازان زاۋۇتىنىڭ قورۇسىغا 70 مىڭ كۇبتىن ئارتۇق داشقال دۆۋىلەپ قويۇلغان. شىركەت گەرچە داشقال مەيدانىدا بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، چاڭ- توزاننى تىزگىنلەش تورى تارتىپ، داشقال ئۈستىگە توپا تۆكۈپ كۆكەرتكەن بولسىمۇ، لېكىن چاڭ- توزان يەنىلا يوقىمىغان.

    ئارقىدىن سانجى شەھەرلىك مۇھىت ئۆلچەش- كۆزىتىش پونكىتى تېخنىكلارنى تەشكىللەپ، بۇ شىركەتنىڭ زاۋۇت رايونىدا ئومۇمىي لەيلىمە دانچىلارنى ئۇدا 21 سائەت ئەۋرىشكە ئېلىپ ئۆلچىدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، «سېنلىن دادى» ئولتۇراق رايونى ۋە «جىنسې جيايۈەن» ئولتۇراق رايونى نۇقتىسىدا قويۇقلۇق نىسبىتى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمىگەن.

    سانجى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى مۇھىت تەكشۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى جارقىنبېك تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ مەسىلىنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىش ئۈچۈن، كارخانىغا مۆھلەت بەلگىلەپ تولۇق تازىلاشقا بۇيرۇدۇق. كارخانا 8- ئاينىڭ 15- كۈنى سەھەر سائەت 8دىن باشلاپ 100دىن ئارتۇق ئاپتوموبىلنى تەشكىللەپ، 24 سائەت توختىماي مەشغۇلات قىلىپ داشقاللارنى يۆتكەپ تازىلىدى، 7 كۈن توشۇش، تۈزەش ئارقىلىق «جىنسې جيايۈەن» 2- قارار ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىل چاڭ- توزاننىڭ تەسىرىگە ئۇچراش مەسىلىسى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىندى.

    ليۇ ۋېيشىن سانجى شەھىرى «جىنسې جيايۈەن» ئولتۇراق رايونى 7- بىنا 5- كورپۇستا ئولتۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆيۈم بىلەن داشقال مەيدانىنى پەقەت بىر تام ئايرىپ تۇرىدۇ، ئۆيۈم 1- قەۋەتتە بولغاچقا، داشقال دۆۋىسى كۈن نۇرىنى توسۇۋالغانىدى، ھەتتا دېرىزىنى ئېچىشقىمۇ پېتىنالمايتتۇق، ئاچساقلا كۆمۈر كۈلى ئۆيگە كىرەتتى. ھازىر داشقال توشۇپ كېتىلىپ، ئۆيۈم يوپيورۇق بولۇپ كەتتى، دېرىزىنىمۇ خاتىرجەم ئاچالايدىغان بولدۇق، بۇ ئىش ھەم تېز، ھەم ياخشى بېجىرىلدى، كۆپچىلىك نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئاپىرىن ئېيتتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365644691