سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

سىركىپ كەنتىنىڭ «خۇشپۇراقگۈلى»

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-28

    پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرى سىركىپ كەنتىدىكى خاتىمە ئوسمان ئائىلىدە بىر ياخشى ئانا، ياخشى ئايال. ئۇ كەنتتىكى دېھقانلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقى، دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى سۆزلەپ، كۆپچىلىكنى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن يىراق تۇرۇشقا يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك ئۇنى «ماھىر تەشۋىقاتچى» دەپ ئاتايدۇ.

    خاتىمە ئوسمان يېزىقچىلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، ئېقىم مەسىلىلىرى ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. 2013-يىلى خاتىمە ئوسمان كەنتتىكى بىر قىسىم ئاياللارنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى، ئۇلارنىڭ سىرتلارغا چىقىشنى خالىمايدىغانلىقى، باشقىلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بايقاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنت كومىتېتىغا كېلىپ، ئۆزى يازغان ماقالىنى كەنت كادىرلىرىنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇندى ۋە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتچى بولۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن خاتىمە ئوسمان كەنتتىكى غوللۇق تەشۋىقاتچىغا ئايلاندى. ئۇ ھەر دۈشەنبە كۈنىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى بولسۇن ۋە ياكى كەنتتە قانات يايدۇرۇلغان باشقا پائالىيەتلەردە بولسۇن، كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى ھەم ئۆزى يازغان ماقالىنى كەنت ئاھالىلىرىگە ئوقۇپ بەردى. ئۇ سۆزلىگەن لېكسىيەنىڭ مەزمۇنى مول، تەسىرلىك، تۇرمۇشقا يېقىن بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە دائىم ئاياللارغا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيەلەش، لاياقەتلىك ئانا بولۇش» قاتارلىق مەزمۇنلاردا لېكسىيە سۆزلەپ، ئۇلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتتە «يېرىم دۇنيا» لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ كەنتتىكى كەشتىچىلىك جەمئىيىتىدىكى ئاياللارنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى كەشتىچىلىككە تايىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

    زۆھرە يۈسۈپنىڭ ئائىلىسى سىركىپ كەنتىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ خاتىمە ئوسماننىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىدىيەسىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، كۈندۈزى كەنتتىكى كەشتىچىلىك جەمئىيىتىگە بېرىپ ئىشلىسە، كەچلىكى باشقا ئاياللار بىلەن بىرلىكتە «قوش تىل» ئۆگەندى. ھازىر ئۇنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى. زۆھرە يۈسۈپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ناچار ئىدى، ھازىر كۈندىن - كۈنگە ياخشىلانماقتا. خاتىمەنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ تۇرمۇشىمىزنى يەنىمۇ ياخشىلاشنى ئويلىدىم.

    خاتىمە ئوسماننىڭ لېكسىيەسى ۋە يېتەكچىلىكى بىلەن سىركىپ كەنتىدىكى نۇرغۇن ئايال ئائىلىسىدىن، ئېتىز بېشىدىن چىقىپ خىزمەت تاپتى، ئىلگىرى چۆلدەرەپ قالغان كەشتىچىلىك جەمئىيىتى بۈگۈنكى كۈندە شاد-خۇراملىققا چۆمدى. خاتىمە ئوسمان مۇنداق دېدى: تەشۋىقاتچى بولغىنىمغا 4 يىل بولدى. بۇ 4 يىلدا كەنتتىكى نۇرغۇن ئايالنىڭ ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئويلىسام ناھايىتى خۇشال بولىمەن.

    تۇرپان شەھەرلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىدىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە سىركىپ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جىن ۋېيگو مۇنداق دېدى: خاتىمە ئوسمان ئېتىز بېشىدىن تەشۋىقات مۇنبىرىگە قەدەم قويدى. ئاياللارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، كەنتتىكى نۇرغۇن ئايالنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇ تەشۋىقاتچى بولغان بىر نەچچە يىلدا كەنتتىكى ئاياللارنىڭ دۇنيا قارىشى، تۇرمۇش قارىشىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولدى. كەنتتە پائالىيەت ئۆتكۈزسەك كېلىپ قاتنىشىدىغان ئاياللار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. خاتىمە ئوسمان كەنتىمىزنىڭ تەشۋىقات گۈلى، ئۇ قەيەرگە بارسا، شۇ يەر خۇش پۇراققا تولىدۇ. ھازىرغىچە خاتىمە ئوسمان 200نەچچە مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى. بۇلتۇر ئۇ ئاپتونوم رايون بويىچە «2-نۆۋەتلىك ئاساسىي قاتلامدىكى تەشۋىقاتچىلار مۇسابىقىسى» دە 1 -دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ خاتىمە ئوسمان ئۈچۈن شەرەپ بولۇپلا قالماي، زور ئىلھام بولدى.

    خاتىمە ئوسمان مۇنداق دېدى: 2-نۆۋەتلىك ئاساسىي قاتلامدىكى تەشۋىقاتچىلار مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن بولساممۇ، ئۆگىنىدىغان بىلىملىرىم تېخى كۆپ. داۋاملىق لېكسىيەنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، كەنتتىكى ئاياللارنى كۆپلەپ بىلىم ئېلىشقا، ئۇلارنى جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەيمەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365623961