سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشتا كىچىك ئاپتوموبىللاردىن يول يۈرۈش ھەق ئېلىنمايدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-28

     مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما 1-سېنتەبىردىن باشلاپ قۇربان ھېيتلىق بەش كۈنلۈك دەم ئالىدىغان بولۇپ، ھېيت مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاپتوموبىللاردىن يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدىكەن. ھەقسىز يول يۈرۈش ۋاقتى 2017-يىلى 1-سېنتەبىر سائەت 0دىن باشلاپ، 2017-يىلى 5-سېنتەبىر سائەت 24 كىچە(بېيجىڭ ۋاقتى) بولىدىكەن.

    ھەقسىز يول يۈرۈش مەزگىلىدە، ئادەتتىكى تاشيوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى ھەق ئېلىنىدىغان ئاپتوموبىل يولىدىن ئۆتكەن ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدىكەن، كارتا تارقاتمايلا توساق كۆتۈرۈۋېتىلىدىكەن. يېپىق شەكىلدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا بولسا ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق ئېلىنىدىغان ئاپتوموبىل يولىدىن چىققان ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدىكەن، ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ئالدىدا، ئىككى ۋاقىت بۆلىكى بويىچە يۈرۈش قەغەز كارتىسى تارقىتىلىدىكەن. بايرام مەزگىلىدە ETC ئاپتوموبىل يولىنىڭ ھەممىسى نورمال ئېچىلىدىكەن، بىر ئاپتوموبىلغا بىر توساق كۆتۈرۈلىدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365623951