سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئادەتتىكى ئالىي ئوتتۇرا مەكتەپتىن يەنە ئۈچى كۆپەيدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-28

    مۇخبىرنىڭ 27-ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا كۈنەس ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ، ئونسۇ ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ، قاراشەھەر ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگە خاراكتېرلىك ئادەتتىكى ئالىي دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ، دەپ نام بېرىلگەن.

    2016-يىلى نويابىردا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يۇقىرىقى ئۈچ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈلگىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بەرپا قىلىش خىزمىتىگە قارىتا باھالاش-ئۆتكۈزۈۋېلىش ئېلىپ بارغان ھەمدە باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئۇلارغا مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتىش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئۈچ مەكتەپ مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتىپ شەرتكە ئۇيغۇنلاشقان.  

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر شىنجاڭدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگە خاراكتېرلىك ئادەتتىكى ئالىي دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپتىن جەمئىي 52 سى بار ئىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365623931