سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورۇنلار، تارماقلار دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-28

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورۇنلار، تارماقلار يېقىندا ئاپتونوم رايوننىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ئوخشىمىغان شەكىللەر ئارقىلىق يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ ئۇيۇشتۇردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى:

    دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرىمىز

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى 8–ئاينىڭ 11–كۈنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، كومىتېتتىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى–خىزمەتچىلەرنى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، بايرىقى روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، تولۇپ–تاشقان غەيرەت ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھنى باشتىن–ئاخىر ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاڭلىق ھالدا يېڭى تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھات ئىشلىرىدىكى يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشقا يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى باشتىن–ئاخىر باش نىشاندىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قەتئىي توختاتماسلىق كېرەك. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كومىتېتنىڭ دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلىرى، ئارقا سەپ خادىملىرى، تەكلىپلىك خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى قاتلامدىكىلەر ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش، ھەر بىر ئادەم ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھەم بۇنى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغىچە پائال كېڭەيتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك. كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئوبراز تىكلەپ، ياخشى ئۈلگە بولۇپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈپ خاراكتېرگە، ئاساسقا ۋە ئۇزاققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە كۈچەش كېرەك.

    ئۈرۈمچى بانكىسى:

    ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولىمىز

    ئۈرۈمچى بانكىسى 8–ئاينىڭ 14–كۈنى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش قەسەمياد يىغىنى ئېچىپ، بانكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئىشچى–خىزمەتچىلەرنى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ھەممە ئادەم دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەر بىر ئادەم ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى.

    يىغىندا بانكىدىكى 140 نەچچە پارتىيە ئەزاسى، كادىر ۋە ئىشچى–خىزمەتچى ‹‹دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تىرىشىپ قوغدايمىز›› دېگەن مەزمۇندىكى لوزۇنكىغا ئىمزا قويدى ھەم دەبدەبىلىك قەسەم بېرىپ، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىگە قەتئىي رىئايە قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قوغداش قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

    ئۈرۈمچى بانكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ياڭ لى مۇنداق دېدى: بانكىمىزدا يۇقىرىدىن–تۆۋەنگىچە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنىڭ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىتتىرگۈچ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىشتىكى ۋاسىتە، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى خىتاب، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشىنى سىنايدىغان سىنتاش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەك. باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك.

    ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ خىزمەتچىسى زۇلقەر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ‹‹ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقانچىلىق ئاپەت. كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە سادىق بولۇش ماڭا قويۇلغان ئەڭ مۇھىم سىياسىي تەلەپ، مەن ئىدىيەدە، سۆز–ھەرىكەتتە باشتىن–ئاخىر پارتىيەگە، دۆلەتكە، خەلققە سادىق بولۇپ، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىمنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە زېرەك ئادەم، ھەرىكەت جەھەتتە سەمىمىي ئادەم، خىزمەت جەھەتتە مەسئۇلىيەتچان ئادەم، ئىستىل جەھەتتە دۇرۇس ئادەم، ئىتتىپاقلىق جەھەتتە ئىلگىرى سۈرىدىغان ئادەم بولىمەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق پەن–تېخنىكا نازارىتى:

    بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز

    ئاپتونوم رايونلۇق پەن–تېخنىكا نازارىتى سىستېمىسىدىكىلەر 8–ئاينىڭ 16–كۈنى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش قايتا سەپەرۋەرلىكى ۋە قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پائالىيەتنىڭ دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى كۆزلىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پەن–تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى جاڭ شياۋلېي يىغىندا قىلغان سەپەرۋەرلىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پەن–تېخنىكا نازارىتى سىستېمىسىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى باشتىن–ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىدىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق پەن–تېخنىكا نازارىتى سىستېمىسىدىكىلەر دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتا دائىرىنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، سىياسىي جەھەتتىكى كۈرەشنىڭ سەزگۈرلۈكى، قەتئىيلىكى، ئاڭلىقلىقى ۋە پائالىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىش، ئورۇننى ئىلمىي پىلانلاش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىن ئىبارەت بەش جەھەتكە كۈچەپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس سىناش خىزمىتى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى، تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرىدىن–تۆۋەنگىچە تەڭ ھەرىكەتلىنىپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365623901