سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا 7 –تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتىنىڭ 41ى بېجىرىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-28

    مۇخبىرنىڭ 8–ئاينىڭ 27–كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا ماسلىشىش، ئالاقىلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 8–ئاينىڭ 27–كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونغا 7–تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 55 ئەرزىيەت خېتىنىڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 41ى بېجىرىلگەن.

    رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا 7–تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 41 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 17 پارچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 5 پارچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 4 پارچىدىن، قاراماي شەھىرى، تۇرپان شەھىرىنىڭ 2 پارچىدىن، ئالتاي ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 1 پارچىدىن ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۈەن 7–شىسى ئورتاق بېجىرىدىغىنى 1 پارچە ئىكەن. بۇلغىما تۈرىدىن قارىغاندا ئاتموسفېرا تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 16 پارچە، قاتتىق تاشلاندۇق تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 15 پارچە، سۇ بۇلغىنىش تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 6 پارچە، شاۋقۇن تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 5 پارچە، بۇس تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 4 پارچە، باشقا تۈرلەرگە چېتىلىدىغىنى 3 پارچە، چاڭ–توزان تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 2 پارچە، ئېكولوگىيە تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 1 پارچە ئىكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى كۆرسەتمىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوندىكى ئورۇنلار، تارماقلار خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خېتىدىكى مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈردى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا 7 تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتىنىڭ 222سى بېجىرىلىپ بولغان.بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بارلىق ئەرزىيەت خېتىنىڭ كونكرېت بېجىرىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى http//:www.xinjiang.gov.cn دە ئېلان قىلىنغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365623781