سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ ئايرىم–ئايرىم ھالدا باخ ۋە شاھزادە ئەھمەد بىلەن كۆرۈشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-28

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 8–ئاينىڭ 27–كۈنى تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8–ئاينىڭ 27–كۈنى تيەنجىندە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى.

    شى جىنپىڭ باخنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگو 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى، شۇنداقلا باخ ھەم خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىجابىي تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدىكى مۇھىم رولىغا ئېتىبار بىلەن قارىدى. جۇڭگو خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللايدۇ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكىتى، تەنتەربىيەسىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى رولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگو تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق قارالمىلاردا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م نىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پائال ئىشلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان جەرياندا بەرگەن ھەر بىر ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئېسىل، ئاجايىپ، قالتىس قىشلىق ئو ت م نى سۇنىدۇ. بىز بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م نى پۇرسەت بىلىپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە ۋە ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

    باخ مۇنداق دېدى: تيەنجىنگە كېلىپ جۇڭگو 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 1–ئايدا لائۇسان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى باش ئىشتابىنى زىيارەت قىلغانلىقى خەلقئارانىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققىتىنى قوزغاپ، ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلدى. مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ 2022–يىللىق قىشلىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈشتىكى قىزغىنلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلدىم، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېشىل، پاك، يۇقىرى تېخنىكىلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىشلىق ئو ت م ئۆتكۈزىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جۇڭگو بىلەن داۋاملىق زىچ ھەمكارلىشىپ، 2022–يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 8–ئاينىڭ 27–كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8–ئاينىڭ 27–كۈنى تيەنجىندە جۇڭگو 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى شاھزادە ئەھمەد بىلەن كۆرۈشتى.

    شى جىنپىڭ ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋە ئاسىيا تەنھەرىكەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشقانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملىق قوللايدۇ. ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئورتاق تەرەققىي قىلىپ ۋە گۈللىنىپلا قالماي، تەنتەربىيە جەھەتتە ئورتاق ئالغا بېسىشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 2022–يىلى قىشلىق ئو ت م بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ، جۇڭگو تەنتەربىيەسىنىڭ دۇنيا ئولىمپىك تەنھەرىكىتى بىلەن تەڭ پايدا ئېلىش ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى يارىتىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكىتىگە بولغان قىزغىنلىقىنى قوزغايدۇ. تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش جۇڭگونىڭ بىر پۈتۈن دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م جۇڭگو پۇقرالىرىغا ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئولىمپىك روھىنى تارقىتىشقا يەنە بىر قېتىم تۆھپە قوشۇش پۇرسىتى ئاتا قىلدى. 2022–يىلى جۇڭگو خاڭجۇدا 19–نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بىز خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز، خاڭجۇ شەھىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى بارلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

    ئەھمەد مۇنداق دېدى: ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشى ۋە شەخسەن ئۆزۈم جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق ھەم دوستلۇقنى قەدىرلەيمىز، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئالدىن كۆرەرلىكىگە قايىلمەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت.ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشى جۇڭگو بىلەن داۋاملىق زىچ ھەمكارلىشىپ، ئاسىيانىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ، جۇڭگونىڭ 2022–يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م ۋە خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365623761