سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 2017-يىللىق «ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش» پائالىيىتى باشلاندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-25

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 2017-يىللىق «ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش» پائالىيىتى 22-ئاۋغۇست باشلاندى. بۇ يىل، بۇ  تۈرلۈك ياردەم سوممىسى 350 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگە كۆپىيىپ، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيدى.

    باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى مۇقەددەس ئابلىكىم مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەرگىنىگە رەھمەت، بىز بۇ مىننەتدارلىقنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ياشلىق ئارزۇيىمىزنى، جۇڭگۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز!»

    يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى جەمئىي 87 مىليون 270 مىڭ 800 يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 111 مىڭ 900 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچى پەرزەنتىنىڭ ئوقۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365553551