سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېڭىدىن سېلىنغان 4408 يېزا يەسلىسى ئوقۇش باشلاشقا تەييارلىنىپ بولدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-25

سانجى شەھىرى داشىچۇ بازىرى سىيۈەن كەنتىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان يەسلى

 مۇخبىرنىڭ 24-ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن قۇرۇلغان 4408 يېزا يەسىلىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، ئوقۇش باشلاشقا تەييار بولغان. 

  ئاپتونوم رايون 9 مىليون 710 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ قۇرغان سانجى شەھىرى داشىچۇ بازىرى سىيۈەن كەنتىدىكى يەسلى پۈتۈپ، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئاساسىي جەھەتتىن سەپلىنىپ بولغان.

 بۇ يەسلىنىڭ باشلىقى ما شۇاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەسلى مۇشۇ كەنتتىكى بالىلارنىلا ئەمەس، ئەتراپتىكى يۈتاڭ كەنتى ۋە داشىچۇ كەنتىدىكى بالىلارنىمۇ ئوقۇتالايدۇ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە 120  بالا قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدۇق. مەن سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بالىلارنى كىچىكىدىنلا سەنئەتتە تالانتى بار قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئويلاۋاتىمەن.

 مۇخبىرنىڭ فۇكاڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل فۇكاڭ شەھىرىدە يېڭىدىن سېلىنغان يەتتە يەسلىنىڭ ھەممىسىدە 14-ئاۋغۇست قۇرۇلۇش تاماملانغان. فۇكاڭ شەھىرى يېڭىدىن سېلىنغان يەسلىلەرگە 72 ئوقۇتقۇچى، 20 ئامانلىق ساقلىغۇچى، 17  ئاشپەز ۋە ئالتە نەپەر دوختۇر سەپلىگەن بولۇپ، 1-سېنتەبىر بۇ يەسلىلەردە دەل ۋاقتىدا ئوقۇش باشلىنىدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365553491