سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈش ئەھۋالى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-25

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 25-ئاۋغۇست ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 2017\2018-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلارنى چەك تارتىپ گۇرۇپپىلارغا بۆلدى. 32 كوماندا چەك تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق گۇرۇپپىلارغا بۆلۈندى. بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى پارىژ ساينت ژېرمان كوماندىسى بىلەن، يۇۋېنتۇس كوماندىسى بارسېلونا كوماندىسى بىلەن، خانلىق مادرىد كوماندىسى دورتمۇند ۋە توتتىنھام كوماندىسى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندى.

    گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

    A گۇرۇپپا: بېنفىكا كوماندىسى (پورتۇگالىيە)، مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى (ئېنگلاند)، بارسېل كوماندىسى (شىۋېيتسارىيە)، موسكۋا مەركىزىي قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى كوماندىسى (رۇسىيە).

    B گۇرۇپپا: بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى (گېرمانىيە)، پارىژ ساينت ژېرمان كوماندىسى (فىرانسىيە)، ئاندېرلېخت كوماندىسى (بېلگىيە)، كېلتلىقلار كوماندىسى (شوتلاندىيە).

    C گۇرۇپپا: چېلسى كوماندىسى (ئېنگلاند)، مادرىد ئاتلېتكا كوماندىسى (ئىسپانىيە)، رىم كوماندىسى (ئىتالىيە)، كاراباخسكىي كوماندىسى (ئەزەربەيجان).

    D گۇرۇپپا: يۇۋېنتۇس كوماندىسى (ئىتالىيە)، بارسېلونا كوماندىسى (ئىسپانىيە)، ئولىمپىياكوس كوماندىسى (گىرېتسىيە)، پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسى كوماندىسى (پورتۇگالىيە).

    E گۇرۇپپا: موسكۋا سىپارتاك كوماندىسى (رۇسىيە)، سەۋىلىيە كوماندىسى (ئىسپانىيە)، لىۋېرپول كوماندىسى (ئېنگلاند) ، مارىبور كوماندىسى (سىلوۋىنىيە).

    F گۇرۇپپا: دونېتسىك كانچىلار كوماندىسى (ئۇكرائىنا)، مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى (ئېنگلاند)، ناپلېس كوماندىسى (ئىتالىيە)،  فېيېرنود كوماندىسى (گوللاندىيە).

    G گۇرۇپپا: موناكو كوماندىسى (فىرانسىيە)، پورتۇ كوماندىسى (پورتۇگالىيە)، بېشىكتاش كوماندىسى (تۈركىيە)، لېيپزىگ كوماندىسى (گېرمانىيە)

    H گۇرۇپپا: خانلىق مادرىد كوماندىسى (ئىسپانىيە)، دورتمۇند كوماندىسى (گېرمانىيە)، توتتىنھام كوماندىسى (ئەنگلىيە)، ئابور كوماندىسى (سىپرۇس)

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365552951