سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يېڭى ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتايلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-25

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە (2)

    پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە چاقىرىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي.

    ‹‹خەلقئارا ۋەزىيەت، دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلغاندا، ھەم نەتىجە بىلەن پۇرسەتنى كۆرۈشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدىغان خەۋپ–خەتەرنى كۆرۈشىمىز، ئەڭ ناچار تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىپ، ئەڭ تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ياخشى يۆنىلىشنى كۆزلەپ تىرىشىپ، ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك››.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹26–ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىدە ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكنى قانداق تونۇش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ‹‹جۇڭگو›› ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. سوتسىيالىستىك جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى ئۆز قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىش، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىغان، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك راۋاجلانغان جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

    يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇش

    پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئۇزاق مۇددەت ئازاب–ئوقۇبەت چەككەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىپ قۇدرەت تېپىشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى ‹‹مىسلىسىز›› دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپ، ‹‹جۇڭگو›› ناملىق بۇ غايەت زور پاراخوتنىڭ يېڭى كوردىناتىنى بېكىتىپ بەردى.

    ‹‹بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيا سەھنىسىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مىسلىسىز يېقىنلاشتى››.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹ئىككىنى پۇختا ئىگىلەش››نى ئوتتۇرىغا قويدى: ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكنى پۇختا ئىگىلىشىمىز، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كېرەك.

    مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى جىخۇڭ مۇنداق دېدى: ‹‹پۇختا ئىگىلەش››نىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ھازىرقى دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم قىلىپ، فاڭجېننى بېكىتىش، پىلان–لايىھە تۈزۈشنى پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلىشتۇر؛ ئۇنىڭ ئىچكى مەنتىقىسى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ۋە خەلق ھەممىدىن ئەلا دەيدىغان قىممەت يۈزلىنىشىنى پۇختا ئىگىلەشتۇر.

    مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن ئىلمىي مۇدىرى خەن چىڭشياڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، تارىخ ۋە رېئاللىق، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارانى بىرلەشتۈرۈپ تەپەككۇر قىلىش، ئېلىمىزنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئورنىدا تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ تەپەككۇر قىلىش كېرەك.

    دۇنيا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادىي، سىياسىي مەركەز شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىن تىنچ ئوكيانغا يۆتكەلدى، بازىرى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۈش ۋەزىيىتىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئامىل مۇرەككەپ، گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستا بولۇۋاتىدۇ، رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ۋە دۇنياۋى خاراكتېرلىك خىرىسلار توختىماي كۆرۈلۈۋاتىدۇ.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ مېغىزلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹بىزنىڭ دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشىمىزدىكى تۈپ مەقسىتىمىز <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش››قا بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، ‹‹ھەمكارلىشىش، ئورتاق نەپ ئېلىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى››، ‹‹ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش›› قا ئورتاق تۈرتكە بولۇشتۇر.

    جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ‹‹تېز پويىزى›› تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات جەريانىدا ئېرىشكەن پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلدى. ھازىرقى قاتمۇقات زىددىيەتكە تولغان، توقۇنۇش ئۈزۈلمەيۋاتقان، دۇنياۋىلىشىشقا قارشى پىكىر ئېقىمى يوشۇرۇن باش كۆتۈرۈۋاتقان دۇنيادا، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى كەڭ دائىرىلىك قوللاشقا، كۆزلىگەندىنمۇ ئارتۇق ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

    كىشىلەر جۇڭگو زېمىنىنى پىيادە كەزگەندە، شاڭخەي ساھىلىنىڭ كەچتىكى نېئون لامپىسى ئاستىدىكى جۇلاسىنى، گۇيجۇنىڭ تاغلىق رايون يېزىلىرىغا تېخىچە يول چىراغلىرى ئورنىتىلمىغانلىقىنى؛ شياڭگاڭ–جۇخەي–ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئەجدىھادەك سوزۇلۇپ ياتقانلىقىنى، غەربىي قىسىمدىكى جىلغا، سايلىقلاردا كەنت دوختۇرىنىڭ سىيرىلما ئارقان ئارقىلىق دەريادىن ئۆتۈپ، كىشىلەرنىڭ كېسىلىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى بايقىيالايدۇ... سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالى، ئەڭ چوڭ ئەمەلىيىتىدۇر.

    جۇڭگو ئىستراتېگىيە ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ يىشەن مۇنداق دېدى: نورۋېگىيەنىڭ كىشى بېشى ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى 181 مىڭ دوللاردىن ئاشىدۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ ئاران 14 مىڭ دوللارغا يېتىدۇ؛ شىۋېيتسارىيەدە بىر كىلوگرام ئۆلچەملىك كۆمۈر بىرلىك سەرپىياتىنىڭ ئىقتىسادىي ھاسىلاتى 25.6 دوللارغا يەتكەن بولسا، جۇڭگودا ئاران 3.1 دوللارغا يېتىدۇ. شۇڭا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق چوڭ دۆلەتنىڭ يوشۇرۇن ئەمگەك كۈچىنى قېزىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا سۈرئەت ئۆزگىرىش، قۇرۇلما سەرخىللىشىش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىك بارلىققا كەلدى. يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىش، يېڭى نورمال ھالەتنى ئىگىلەش، يېڭى نورمال ھالەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ‹‹چوڭ لوگىكىسى›› ھېسابلىنىدۇ.

    پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىز ئىقتىسادى ئۈزلۈكسىز مۇقىم ئېشىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما پەيدىنپەي ياخشىلىنىپ، دەرىجىسى ئۆستى؛ تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، شەھەر بىلەن يېزا، رايون ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات پەرقى بارغانسېرى كىچىكلىدى؛ خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى كۈنسېرى ئاشتى؛ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

    چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى خۇ ئەنگاڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 10 تىرىليون دوللاردىن ئاشتى، دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشكەن ئەھۋالدا، جۇڭگو تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نەتىجە ياراتتى.

    دەۋر ئۆزگەرمەكتە، خەلق تۇرمۇشىدىكى تەلەپلەرنىڭ دەرىجىسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا.

    ‹‹خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز››. مانا بۇ جۇڭگودىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى.

    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە خەلقنىڭ ئېھتىياجى كۆپ خىللىشىش، كۆپ مەنبەلىشىش، كۆپ قاتلاملىشىشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولدى.

    جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالاقە مەركىزى ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگودا نوپۇس كۆپ، ئاساس ئاجىز بولغاچقا، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەسىلە ‹‹دۇنيا خاراكتېرلىك›› قىيىن مەسىلىگە ئايلانغان. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش جەريانىمۇ خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش جەريانى ھېسابلىنىدۇ.

    تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ رازى قىلارلىق كىرىم، تېخىمۇ ئىشەنچىلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش ۋە سەھىيە مۇلازىمىتى، تېخىمۇ ئازادە تۇرالغۇ شارائىتى، تېخىمۇ گۈزەل مۇھىت، تېخىمۇ مول مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى ...

    كونىلاردا: جاھان ئوڭ بولسا، خەلق بېيىيدۇ، جاھان تىنچ بولسا خەلق خۇش بولىدۇ، دېگەن گەپ بار. ‹‹سەككىز تېخىمۇ›› خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ يۆنىلىشىنى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

    يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى رىقابەتنى كۈتۈۋېلىش

    سەنشىنىڭ لۈلياڭ تاغلىرى ئېگىز، جىلغىلىرى چوڭقۇر جاي، ئون يىلنىڭ توققۇز يىلىدا قۇرغاقچىلىق بولىدۇ، بۇ يەر جۇڭگودىكى ئەڭ نامرات جايلارنىڭ بىرى.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017–يىل 6–ئاينىڭ 21–كۈنى بۇ يەرگە كېلىپ، ‹‹ئالدىن كېلىشىپ قويغان›› دەك جۇڭگودىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر بولغان 14 تۇتاش رايوننى ئايلىنىپ چىقتى. ئۇ بۇ يەردە كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى بېرىپ: ‹‹ ئېغىر نامراتلىق قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە چوقۇم تاماملاشقا تېگىشلىك ۋەزىپە، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم ئورتاق تىرىشىشى كېرەك›› دېدى.

    جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نىشانى تۆت يىلدا ئارگېنتىنانىڭ يېزا نوپۇسىغا تەڭ كېلىدىغان كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغانغا باراۋەر بولۇپ، كۈنىگە تەخمىنەن 30 مىڭ ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ!

    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات–پىلان مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى خېلىن كلارك مۇنداق دېگەنىدى: جۇڭگونىڭ ئېغىر نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۆلىمىگە پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتىدۇ، بۇنداق سۈرئەت ھازىرغىچە دۇنيادا كۆرۈلۈپ باقمىغان!

    ‹‹بىر ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ، پۇرسەتنى دەڭسىمىگەندە مەغلۇپ بولىدىغان گەپ››. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە بۇ زور يەكۈننى چىقارغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولدى، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنىڭ مەزمۇنىدىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆزگىرىش بولدى.

    خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى بۇزۇپ تاشلىدى، يېڭىچە ئۆز ئالدىغا ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى شەكىللىنەلمىدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك كۈچى ئاجىزلىدى، بىز دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بىر قەدەر تېز ئېشىشىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيات شەرتلىرىمىزدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى تېزلەتتۇق، بىز چوقۇم ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە كۆپرەك تايىنىپ، تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

    ئاساسلىق دۆلەتلەر پىشاڭنى، قەرزنى تۈگەتتى، دۇنيادا ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى ۋە سودىنىڭ ئېشىشى ئاجىزلىدى، قورۇقچىلىق باش كۆتۈردى، بازار ئەڭ كەمچىل بايلىق مەنبەسىگە ئايلاندى، خەلقئارا بازاردىن پايدىلىنىپ ئېكسپورت شەرتلىرىنى كېڭەيتىش ۋە ئاشۇرۇشتا زور ئۆزگىرىش بولدى، شۇڭا تەرەققىياتتا مەۋقەنى چوقۇم دۆلەت ئىچىگە كۆپرەك قارىتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشكە كۆپرەك تايىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

    دۇنيادا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن–تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە سانائەت ئىنقىلابى يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر يۇقىرى پەللىلىك ‹‹قايتا سانائەتلىشىش››نى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سانائەتلىشىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشى ۋە ئەسلىدە بار بولغان قىسمەن ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا چوقۇم مۇھىم ئامىللار ئارقىلىق تۇرتكە بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

    نوپۇزلۇق ئەربابلار مۇنداق دېدى: 2020–يىلىغا بارغاندا ئومۇمىي مىقدار ۋە سۈرئەت جەھەتتىن نىشاننى ئورۇندىساقمۇ، لېكىن تەرەققىيات تەڭپۇڭ، ماس، سىجىل بولماسلىق مەسىلىسى تېخىمۇ ئېغىرلاشسا، كەمتۈكلۈك تېخىمۇ گەۋدىلىك بولسا، بۇ، نىشاننى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغانلىق ھېسابلانمايدۇ.

    شى جىخۇڭ مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا غەلىبە قىلىشتا ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور خەۋپ–خەتەردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

    خەۋپ–خەتەردىن ساقلىنىش كېرەك، جۇڭگو جەمئىيىتى كۆپ مەنبەلىك جەمئىيەت، تەرەققىيات تەكشى ئەمەس؛ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە بىرەر ئادەمنى، بىرەر كەنتنىمۇ چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشتە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەم بايلىق بولۇش، ھەم تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا كۆپ قەرزدار، ئەگەر بۇ خىزمەتنى ھازىردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ ئىشلىمىسەك، كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭ بەدەل تۆلەيمىز.

    بىز ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر ئارقىلىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولساق، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھاياتى كۈچى بولىدۇ. يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ بەخت–سائادىتىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك يېشىللاشتۇرۇش ئىنقىلابىنىڭ مۇساپىسى باشلاندى.

    شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا شەرتىمىز تولۇق ھازىرلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۈشكۈل ۋەزىپىگىمۇ دۇچ كەلدۇق، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىز تەكشى ئەمەس، نۇرغۇن زىددىيەتلەر گىرەلىشىپ كەتكەن، يوشۇرۇن خەۋپ–خەتەر كۆپىيىشتەك خىرىس يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

    يېڭى كەيپىيات يارىتىپ، يېڭى مەنزىل ھاسىل قىلىش

    مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھازىرقى دۇنيا ۋە زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلاپ كەلگەن، ئەمما ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى بېجىرىشنى ئويلىغان، ئەمما بېجىرىلمىگەن نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى بېجىرىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇنيا ئەھلى بىردەك ئېتىراپ قىلغان شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

    جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بارغانسېرى پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگوغا مىسلىسىز خەلقئارا ئورۇن ۋە تەسىر ئاتا قىلىپلا قالماي، يەنە جۇڭگو خەلقىنىمۇ مىسلىسىز قەدىر–قىممەت ۋە ئىشەنچكە ئىگە قىلدى.

    جۇڭگونىڭ ئىقتىساد يىلىدا مەسىلىلەرنىڭ ئاستا–ئاستا ھەل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا مۆلچەردىن ھالقىغان ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن جۇڭگوغا يەنە بىر قېتىم تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارىدى.

    گېرمانىيە ‹‹دۇنيا گېزىتى››دە دېيىلگىنىدەك: كۆپ يىلدىن بۇيان بەزىلەر ئىزچىل جۇڭگو ئىقتىسادى چېكىنىدۇ، دەپ مۆلچەرلىگەنىدى. ھازىر جۇڭگونىڭ ئىقتىساد پاراۋۇزى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

    كۈچلۈك ‹‹ئىقتىسادىي ئېلاستىكلىق››، جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ‹‹جۇڭگونىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى›› تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ‹‹جۇڭگو لايىھەسى››نىڭ نەتىجىسىدۇر.

    جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۆجىزىلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېلاستىكىلىقلىقىنى ساقلاش تولىمۇ مۇھىم.

    2017–يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە مۇھىتنى تۈزەش كەسپى، سۇچىلىقنى باشقۇرۇش كەسپى، قاتناش–تىرانسپورت، ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا كەسپى، مائارىپ قاتارلىق ‹‹ئاجىز›› ساھەلەرگە سالغان مەبلىغى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم–ئايرىم ھالدا %46، % 17.5، % 14.7 ۋە %17.8 ئاشتى. بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن روشەن تېز بولدى.

    دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ شېڭيۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئاساستا ياخشىلىنىش ھالىتى بىلەن سىجىل تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى پەسەيمىدى. پۈتۈن بازارنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتى، تەڭپۇڭلۇققا يۈزلەندى، بازار ئىشەنچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

    جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيا خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئەنگلىيە كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ۋە خەلقئارا تەتقىقات فاكۇلتېتىنىڭ نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىسى مارتىن جاك مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى يېڭى باسقۇچقا، تەرەققىياتى يېڭى پۇرسەت مەزگىلىگە قەدەم قويدى.

    ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك تىكلەش–يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى سىجىل ئەلالىشىپ، تەرەققىيات زاپاس كۈچى تېخىمۇ كۈچىيىپ، غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سالمىقى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشتى...

    ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا قەتئىي غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن يۇقىرى سۈپەتلىك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققىلى، ‹‹ئىككى 100يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

    تارىخ چاقى توختىماي ئىلگىرىلىمەكتە. بۈگۈنكى دۇنيادا، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مىسلىسىز زور ئۆزگىرىش بولماقتا؛ بۈگۈنكى جۇڭگو، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىمىز كامىل!

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تېلېگراممىسى)

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365552881