سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇشنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-25

    جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر مەخسۇس سىياسىي مۇھاكىمە فىلىمى ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو››نى ئالقىشلىدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

    قانۇن ئىدارە قىلىش راۋاجلانسا، دۆلەت گۈللىنىپ، خەلق خاتىرجەم بولىدۇ. 6 قىسىملىق مەخسۇس سىياسىي مۇھاكىمە فىلىمى ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو›› يېقىندا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغاندىن كېيىن، كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بۇ فىلىمنى بەس–بەستە ئالقىشلاپ، ‹‹فىلىمنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر، دېلو مىسالى تەپسىلىي ۋە ئېنىق بولۇپ، نوپۇزلۇق، سىستېمىلىق نەزەرىيەۋى بايان ئارقىلىق ئىدىيەۋىلىك ۋە نەزەرىيە چوڭقۇرلۇقى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ ھەم نۇرغۇن جانلىق دېلو مىسالى ئارقىلىق دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تارىخىي ئەھمىيىتى چوڭقۇر ۋە چۈشىنىشلىك شەرھلىنىپتۇ›› دېيىشتى.

    كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: مەخسۇس فىلىمدە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشتىكى تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ۋە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك شەرھلەنگەن، خەلقنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى نامايان قىلىنىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچى مۇجەسسەملەنگەن.

    دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ

    خېبېي ئۆلكىسىنىڭ لاڭفاڭ شەھىرى گۇاڭياڭ رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ساۋ شىنتيەن مۇنداق دېدى: مەخسۇس سىياسىي مۇھاكىمە فىلىمى ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو››دا پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆزلەپ، پەيتنى پەملەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىگە ھەقىقىي ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇرغانلىقى ئومۇمىي كۆرۈنۈش شەكلىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

    سىچۈەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى زەن مۇنداق دېدى: مەخسۇس فىلىمدە ۋەقەلىك ھېكايە شەكلىدە ئىخچام، يىغىنچاق، جانلىق، راۋان تېلېۋىزىيە تىلى ئارقىلىق بايان قىلىنىپ، تاماشىبىنلار پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرگەنلىك شانلىق مۇساپىسىنى ئەتراپلىق، سىستېمىلىق ئەسلەپ ئۆتۈش ۋە خۇلاسىلەشكە يېتەكلەنگەن. زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگۈچى ۋە ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇشتا جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تولۇق ھېس قىلدىم.

    ‹‹قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم قورال، ياخشى قانۇن دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى››. لياۋنىڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياۋ مىڭۋېي مەخسۇس فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: لياۋنىڭ ئۆلكىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى بارغانسېرى قويۇقلاشتۇرۇپ، كونا سانائەت بازىسىدىكى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى.

    بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرەققىيات رايونلۇق سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چى ۋېيلۇڭ ئاساسىي قاتلامدا كۆپ يىل سوت خىزمىتى ئىشلەش جەريانىدا سودىيە ئىش ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم يېتەكلەش رولىغا ئىگە. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىق نۇرىنى خەلق قەلبىدە نۇرلاندۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇشقا تۆھپە قوشىمەن.

    ساۋ شىنتيەن مۇنداق دېدى: سىياسىي–قانۇن كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش شەكلىدىن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە خەلقنىڭ قانۇن ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە سىياسىي–قانۇن خىزمەت ئىقتىدارىم ۋە سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئادىل، قېلىپلاشقان قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى ھازىرلايمەن.

    قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ

    ‹‹ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بولغان ئىكەن ئاساسلىنىشى، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، قانۇنغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىشى قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ››. جۇڭگو جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسلىقى تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى پېڭ شىنلىن مۇنداق دېدى: مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مەيلى ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش بولسۇن ياكى ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈش بولسۇن، ئۇنىڭ ئورتاق نۇقتىسى يەنىلا مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇقنى ئوچۇق–ئاشكارا يۈرگۈزۈپ، ھوقۇقنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشتۇر، شۇنداق قىلغاندىلا، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

    ‹‹قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ مۇقىم ئىدارە قىلىش ھېسابلىنىدۇ››. مەخسۇس فىلىمدە تىلغا ئېلىنغان بۇ سۆز لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم سىياسىي–قانۇن كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋېي شيەنگۇاڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىياتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى مۇجەسسەملەشتە لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۆلكىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش زۆرۈر.

    سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرى جىنتاڭ ناھىيەسى سەنشىڭ بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جيا گولېي مۇنداق دېدى: ھازىر ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى تەدرىجىي ئۆستى. ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، قانۇننى بىلىش زۆرۈر بولۇپلا قالماي، يەنە كۈندىلىك ئىشلارنى قانۇن بويىچە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ، ئاساسىي قاتلامدىكى مۇرەككەپ مەسىلىلەر ئالدىدا قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىدا ھەر ۋاقىت چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىمىز ۋە تەدبىرىمىزنى ۋاقىت ھەم قانۇننىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك.

    لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ بېنشى شەھىرى شىخۇ رايونى خېدۇڭ ئەدلىيە ئورنىنىڭ باشلىقى فۇ چياڭ مۇنداق دېدى: ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو›› ناملىق مەخسۇس فىلىم قويۇلغاندىن بۇيان ھەممە قىسمىنى ئەستايىدىل كۆردۈم، ناھايىتى زور ئىلھام ئالدىم. بىز ئامما ئارىسىدىكى قانۇن مەسلىھەتچىسى ۋە ھوقۇق–مەنپەئەتنى قوغداش ئەلچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتى خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا چېتىلىدىغان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئىشنى ئىنچىكە، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

    قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇش يولى ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ

    خېبېي ئۆلكىسىنىڭ لاڭفاڭ شەھىرى يۇڭچىڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى خەن يىڭ مەخسۇس فىلىم توغرىسىدىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ تەرەققىياتى خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشى جەريانىدا ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئۆز ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم ئالاقىدار قانۇن–نىزاملارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەرتىپ بويىچە قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئىچكى جەھەتتە قەلبكە، تاشقى جەھەتتە ھەرىكەتكە سىڭدۈرۈپ، خەلقنى رازى قىلىشنى ئۆلچەم قىلىپ، قانۇننى ھەقىقىي قاتتىق، ئادىل، ئۆلچەملىك، ئاقىلانە، سىلىق، مەدەنىي ئىجرا قىلىشىم كېرەك.

    ‹‹دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھەربىر سىياسىي–قانۇن كادىر، ساقچىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھەربىر دېلونى بېجىرىش جەريانىدا ئادىل، ھەققانىي بولغاندىلا، ئاندىن ئاممىغا ئادىل، ھەققانىيلىقنىڭ ئۆز ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ. سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرى چىڭبەيجياڭ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى خۇاڭ جىن مۇنداق دېدى: ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو›› مەخسۇس فىلىمىدە دۆلەتنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش مۇساپىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، قانۇن ئىدارە قىلىش كۈچى نامايان قىلىنغان بولۇپ، بىزنى يېتەكلەش بىلەن بىللە، يەنە بىزگە ئىشەنچ ۋە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ ئاتا قىلدى.

    خېبېي ئۆلكىسىنىڭ لاڭفاڭ شەھىرى ئەنسى رايونى دۇڭگۇگاڭ بازىرى ماداۋكۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ تيەنتيەن مەخسۇس فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسى مەسىلىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنى قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇشقا يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى قانۇننى بىلىدىغان، قانۇننى چۈشىنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ئىرادىلىك ئۆسمۈرلەردىن قىلىپ تەربىيەلەيمەن.

    بېيجىڭ ‹‹يىڭكې›› ئادۋوكاتلىق ئورنى جىنايى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يى شېڭخۇا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى زور ھەم مۈشكۈل قۇرۇلۇش، شۇنداقلا بارلىق قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ئورتاق ئىشى، ئورتاق غايىسى، ئورتاق ئىنتىلىشى بولۇپ، بارلىق قانۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان خىزمەت ئورنىدا جاپالىق تىرىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، قانۇن ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەيدىغانلا بولساق، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇش يولى چوقۇم ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365552851