سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 12–تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خەتلىرىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-25

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى 8–ئاينىڭ 23–كۈنى سائەت 1 ئەتراپىدا ئاپتونوم رايونىمىزغا 12–تۈركۈمدىكى 90 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 71 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 16 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 3 پارچە.

    8–ئاينىڭ 23–كۈنى سائەت 3 لەرگىچە ئاپتونوم رايون مۇستەقىل بېجىرىدىغان ۋە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە بېجىرىدىغان 74 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ 1 پارچىسى ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ۋە جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلغاندىن سىرت، قالغانلىرى تەرتىپ بويىچە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

    12–تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئاپتونوم رايون مۇستەقىل بېجىرىدىغان ۋە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە بېجىرىدىغان ئەرزىيەت خەتلىرى رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق 11 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى 36 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %48.6ىنى ئىگىلىگەن؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 9 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %12.2ىنى ئىگىلىگەن؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 5 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %6.8ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قومۇل شەھىرىنىڭ 4 پارچىدىن، خوتەن ۋىلايىتى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ 3 پارچىدىن، قاراماي شەھىرىنىڭ 2 پارچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 2 پارچە، تۇرپان شەھىرىنىڭ 1 پارچە بولغان.

    بۇ تۈركۈمدە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خېتى 3 پارچە بولۇپ، ئايرىم–ئايرىم قومۇل شەھىرى ۋە بىڭتۈەن 13–شىسىنىڭ باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى بىر نەچچە كارخانىسىنىڭ ناترىي سۇلفىد سېخىنىڭ تەشكىلسىز بۇلغىما قويۇپ بېرىش، ئىس–تۈتەك ۋە چاڭ–توزان، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ قويۇپ بېرىش، باركۆل كۆلى ۋادىسىغا يىل بويى ئىشقارلىق لاي تۆكۈپ، كۆل سۈيىنى بۇلغاش قاتارلىق ئاتموسفېرانى بۇلغاش ۋە قاتتىق تاشلاندۇقتىن بۇلغاش مەسىلىسى؛ شىنجاڭ ‹‹جىنيې›› ئاپتوموبىل يىغىۋېلىش، چۇۋۇش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتوموبىل چۇۋۇش، رېمونت قىلىش، سۇغۇرتا ساھەسىگە چېتىلىدىغان كارخانىلارنىڭ ئاپتوموبىلنىڭ كېرەكسىز ئاككۇمۇلياتورى، كېرەكسىز ئاپتول، كېرەكسىز گاز تازىلاش خۇرۇچى قاتارلىق خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى بەلگىلىمە بويىچە ساقلىماي ۋە بىر تەرەپ قىلماي، خالىغانچە سېتىپ، بۇلغاش خەۋپى پەيدا قىلغانلىق مەسىلىسى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۈەن 7–شىسى ‹‹تيەنبېي›› يېڭى رايونىدىكى بىر نەچچە كارخانىنىڭ سانائەت پاسكىنا سۈيىنى بىۋاسىتە چۈەنگۇ سۇ ئامبىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئوكسىدلاش كۆلچىكىگە قويۇپ بېرىپ، پاسكىنا سۇنىڭ شىمالىي قىسىمدىكى چۆللۈككىچە ئېقىپ بارغانلىق مەسىلىسى ئىنكاس قىلىنغان.

    بۇلغىنىش تۈرىدىن قارىغاندا، بۇ تۈركۈمدە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خەتلىرى ئىچىدە، قاتتىق تاشلاندۇق تۈرىگە چېتىلىدىغىنى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %29ىنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن قالسا ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %16ىنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، شاۋقۇن % 15نى، بۇس تۈرىدىكىلەر %14نى، چاڭ–توزان %10نى، سۇنىڭ بۇلغىنىشى تۈرىدىكىلەر %6نى، ئېكولوگىيە %7نى، باشقا تۈردىكىلەر %6نى ئىگىلىگەن.

    ئۇقۇشىچە، 8–ئاينىڭ 23–كۈنى سائەت 1 لەرگىچە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 12 تۈركۈمدە جەمئىي 743 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا چېتىلىدىغىنى 621 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە چېتىلىدىغىنى 112 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە بېجىرىدىغىنى 10 پارچە ئىكەن. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر جەمئىي 235 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىپ بولۇپ مەلۇم قىلغان، 152 كارخانىغا تۈزەش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن، 74 كارخانىغا مەمۇرىي جازا بەرگەن، جەمئىي 8 مىليون 782 مىڭ 529 يۈەن جەرىمانە قويغان، 3 كىشىنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويغان، 36 كىشى بىلەن سۆھبەتلەشكەن، 88 كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرگەن. بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن باشقا ئەرزىيەت خەتلىرى بېجىرىلىۋېتىپتۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365552791