سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تارباغاتاي ۋىلايىتىدە شامال ئېلېكتىر كەسپى ‹‹ئېلېكتىرلەشكەن تارباغاتاي›› قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-25

     چۆچەك شەھىرى ئاھالىسى جاڭ چېڭ 8 – ئاينىڭ 19 – كۈنى توك بىلەن ئىسسىتىشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر قىشتا ئۆيىمىزنىڭ تېمپېراتۇرىسى 25 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىپ، ئۆي ناھايىتى ئىسسىدى، توك بىلەن ئىسسىتىش بەك ياخشىكەن. ئەگەر ھەممە ئائىلىلەر توك بىلەن ئىسسىتىلسا، پار قازىنىغا ئوت قالاشتىن كېلىپ چىقىدىغان مۇھىت بۇلغىنىشنى ئازايتقىلى بولاتتى.

    60 ياشتىن ئاشقان جاڭ چېڭ قىشنى كۆپ قېتىم چۆچەك شەھىرىدە ئۆتكۈزدى، ئۇ ئىلگىرى بىر قەۋەتلىك ئۆيدە تۇرغاندا ھەر يىلى قىشتا مەشكە كۆمۈر قالاپ قىشنى ئۆتكۈزەتتى. جاڭ چېڭ 2016 – يىلى چۆچەك شەھىرىدىكى ‹‹كاڭتەي.دىڭشياڭ›› ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كەلدى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن ئىسسىتىشنى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ پايدىسىغا ئېرىشتى.

    تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شامال ئېنېرگىيە بايلىقى مول، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەتنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە ئېچىشنى قوللاش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر تۈرلىرى تارباغاتاي ۋىلايىتىگە ماكانلىشىپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شامال ئېلېكتىر بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى.

    نەچچە يىللاردىن بۇيان جۇڭگو گۇاڭدۇڭ يادرو ئېلېكتىر گۇرۇھى شىركىتى، جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىركىتى، جۇڭگو ‹‹گوديەن›› گۇرۇھى شىركىتى، ‹‹تيەنرۈن›› يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ‹‹لۇڭيۈەن›› ئېلېكتىر ئېنېرگىيە گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹شىننېڭ›› تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىقلارنىڭ شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش كارخانىلىرى تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ئېلېكتىر تورىنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1568.205 مىگاۋاتقا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە شامال ئېلېكتىر ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 594 مىگاۋاتقا يېتىپ، گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمچانلىقىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەك سالماقنى ئىگىلەپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىلگىرىكى شامال كۆپ چىقىدىغان ناچار ۋەزىيىتىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەۋزەللىككە ئايلاندۇردى.

    تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپىنى سىجىل راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ›› قۇرۇش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارار – ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، شامال ئېلېكتىرلىك پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن ئىسسىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە، شەھەرلەردىكى مەركەزلىك پار بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورى قاپلانمىغان رايونلاردىكى يېڭىدىن سېلىنغان ئىمارەت ياكى كۆمۈر يېقىلغۇلۇق كىچىك پار قازان ئارقىلىق ئىسسىتىلىدىغان ئىمارەتلەردە توك بىلەن ئىسسىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ كېڭەيتىپ، بىر جاينى نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ، قالغان جايلارغا تۈرتكە بولۇپ، پار بىلەن تەمىنلەش ساھەسىنىڭ ‹‹كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش››ىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى. دۆلەت تورى تارباغاتاي توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى تەشەببۇس قىلغان ‹‹كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك، ماينىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش›› ئېنېرگىيە ئىستېمال يېڭى ئەندىزىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئېلېكتىرلەشكەن تارباغاتاي قۇرۇش خىزمەت لايىھەسى››، ‹‹تارباغاتاي ۋىلايىتىدە پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن ئىسسىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش پىكرى››نى تەشكىللەپ تۈزۈپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە ماسلىشىپ ‹‹<ئېلېكتىرلەشكەن تارباغاتاي> قۇرۇشنى يولغا قويۇش پىكرى››نى تۈزدى.

    چۆچەك شەھىرىدىكى ‹‹جۈنشياڭ›› ئاپتوموبىل، ماشىنا – ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شەھەرچىسى تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى قاتتىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەنى ساقلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن ئىسسىتىش تۈرىنى تۇنجى قېتىم يولغا قويۇپ، شامال ئېلېكتىرنى كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىشنىڭ ئورنىغا قويۇپ، بۇلغىما چىقارماسلىق، مۇھىتنى بۇلغىماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.

    ئىگىلىشىمچە، قاتتىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەنى ساقلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق توك بىلەن ئىسسىتىشتا ئاساسلىقى ئىشلىتىلمەيدىغان شامال ئېلېكتىرى، فوتو ۋولتلۇق توك، كېچىدىكى ئېشىنچا توك قاتارلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەلىرىنى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ ۋە ئۇنى ساقلاپ، ئايلىنىش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق 24 سائەت ئۇدا قويۇپ بېرىپ، ئاخىرىدا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

    ‹‹جۈنشياڭ›› ئاپتوموبىل، ماشىنا – ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شەھەرچىسى 2016 – يىلى قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان بولۇپ، توك بىلەن ئىسسىتىش كۆلىمى 41 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، قىسمەن سودىگەرلەر تېمپېراتۇرىنىڭ ئانچە يۇقىرى بولماسلىقىدىن ئەنسىرىگەنىدى، قىش كېلىشى بىلەن دۇكان ئىزچىل ياخشى ئىسسىپ، سودىگەرلەر ‹‹كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش››تەك بۇ خىل ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئەندىزىسى ياخشى ئىكەن، دەپ ماختاشتى.

    چۆچەك شەھىرىدىكى ‹‹دۇشيۇ›› مېھمانسارىيىمۇ شامال ئېلېكتىرى بىلەن ئىسسىتىش سىناق قىلىنغان نۇقتىلارنىڭ بىرى، ‹‹دۇشيۇ›› مېھمانسارىيىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 18 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 2014 – يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا 3 مىليون 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، شامال ئېلېكتىرى بىلەن ئىسسىتىش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش لايىھەلەنگەن.

    ئۈرۈمچى شەھىرىدە خىزمەت قىلىدىغان ياڭ لىڭ دائىم چۆچەككە كاماندىروپكىغا بارىدۇ، ھەر قېتىم بارغاندا ‹‹دۇشيۇ›› مېھمانسارىيىدا تۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ مېھمانساراي مۇھىت ئاسراش ئۇسۇلىدا ئىسسىتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە مۇھىتمۇ قوغدىلىدىكەن.

    ھازىرغا قەدەر تارباغاتاي ۋىلايىتى بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋە ئۆزگەرتىلگەن توك بىلەن ئىسسىتىش كۆلىمى 800 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، 2016 – يىلى شامال ئېلېكتىرلىك پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن ئىسسىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كۆلىمى 320 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدە ئىسسىتىش ئەھۋالى ياخشى بولدى. تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر 2017 – يىلى شامال ئېلېكتىرلىك پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن ئىسسىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئېنېرگىيە ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يىل بېشىدىلا شامال ئېلېكتىرلىك پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن ئىسسىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىدى، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر 2017 – يىلى شامال ئېلېكتىرلىك پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن ئىسسىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى كۆلىمىنى 1 مىليون 200 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى. ھازىر تولى ناھىيەسىنىڭ 200 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق تۈرى خېرىدار چاقىرىش باسقۇچىغا كىردى، چۆچەك شەھىرىنىڭ 100 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلاندى.

    تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما فۇجۇڭ مۇنداق دېدى: ۋىلايىتىمىز ئاپتونوم رايون بويىچە پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن ئىسسىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلغان 3 رايوننىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ‹‹ئېلېكتىرلەشكەن تارباغاتاي›› قۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شامال ئېلېكتىر، فوتو ۋولت ئېلېكتىرى قاتارلىقلاردىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىپ، ئۇلارنى گاز، كۆمۈر، ماي قاتارلىق باشقا بايلىقلارنىڭ ئورنىدا ئىشلەتتى. بۇنداق بولغاندا تارباغاتاينىڭ مول پاكىز ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپلا قالماي، يەنە تارباغاتاينىڭ كۆك ئاسمان، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلىرىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

    ئىگىلىشىمچە، ‹‹13 – بەش يىل››دا تارباغاتاي ۋىلايىتى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 300 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەندە، يىللىق سەپلەنگەن توك مىقدارىنىڭ %15 %20 ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ، چۆچەك شەھىرى، دۆربىلجىن ناھىيەسى، تولى ناھىيەسى، چاغانتوقاي ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ توك بىلەن ئىسسىتىش كۆلىمىنى تىرىشىپ 1 مىليون كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزىدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365551401