سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

سايرام كۆلى بويىغا 61 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ۋېلىسپىت يولى ياسىلىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-25

   بۇنىڭدىن كېيىن ساياھەتچىلەرنىڭ سايرام كۆلىنى سەيلى قىلىشى كۆل بويىدا تۇرۇپ ساياھەت قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بولدى. 2018-يىلى، سايرام كۆلىدە ئاممىۋى ۋېلىسپىت سەپلىنىپ، مەخسۇس ۋېلىسپىت يولىدا كۆلنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلغىلى، يەنە تېخى كېمە، تىك ئۇچار ئايروپىلان، ھاۋا شارى، ئۈچبۇلۇڭ ئۇچقۇ قاتارلىق ھەر خىل ساياھەت قوراللىرى بىلەن كۆل مەنزىرىسىدىن تېخىمۇ ھۇزۇرلانغىلى بولىدىغان بولدى.

    مۇخبىرنىڭ 23-ئاۋغۇست سايرام كۆلى سەيلىگاھىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، بۇ مەنزىرە رايوننىڭ ئاساسىي ئەسلىھەسى ۋە مۇلازىمەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ياخشىلىنىپ، مەنزىرە رايون قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات قەدىمى تېزلىتىلىدىكەن.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىللىق قۇرۇلۇش كۆل بويىغا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ساياھەتچىلەر مەركىزى، كۆلنى ئايلىنىدىغان يولنى كېڭەيتىش، مۇلازىمەت بازىسىنى يېشىللاشتۇرۇش، زەرەتلىگۈچ تۈۋرۈكى قۇرۇلۇشى، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بازا قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    سايرام كۆلىنىڭ ئايلانمىسى 92 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يىل كۆلنى بويلىغان 61.695 كىلومېتىرلىق ۋېلىسپىت يولى ياسىلىدىغان بولۇپ، ھازىر بار يول ئاساسىدا كېڭەيتىپ ياسىلىدىكەن. ئەسلىدىكى مەنزىرە رايون يولىنىڭ كەڭلىكى پەقەت يەتتە مېتىر بولۇپ، بۇ يول يەنە تۆت مېتىر كېڭەيتىلىدىكەن.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كۆلنى ئايلىنىدىغان ۋېلىسپىت يولى قۇرۇلۇشى بۇ يىل تاماملىنىپ، بۇ يىل تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىكەن.

    سايرام كۆلى سەيلىگاھى ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئاممىۋى ۋېلىسپىتتىن يەنە 1000 نى سەپلەيدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ئائىلە ئاپتوموبىلى ھەيدىگۈچىلەر بارىگاھى ياساپ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ قۇلايلىق يارىتىدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365551051