سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

غۇلجا ناھىيەسىدە زور بىر تۈركۈم ئەمگەكچى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا ئورۇنلاشتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-24

    غۇلجا ناھىيەسىدىكى 20 يېزا-بازار(مەيدان) دىن كەلگەن 1804 ئىشچى 15-ئاۋغۇست غۇلجا ناھىيەسى ئائىلىۋى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىي رايونىنىڭ ئىشچىسىغا ئايلاندى.

    ئىگىلىنىشىچە، غۇلجا ناھىيەسى ئائىلىۋى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىي رايونى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «شەرق شامىلى» قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ جەلپ قىلغان تۈرى بولۇپ، بۇ يەنە كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم تەدبىر ئىكەن.

    غۇلجا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ خۇا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: غۇلجا ناھىيەسى ئائىلىۋى توقۇمىچىلىق، كىيىم–كېچەك كەسپىي رايونىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىغا 455 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. 160 مو كۆلەمدىكى بۇ رايونغا 50 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە 15 زاۋۇت ئۆيى سېلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە بۇنىڭغا بەش كارخانا ماكانلاشتى. بۇ ئىلى ئوبلاستى بويىچە تۇنجى بولۇپ يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى زور كۆلەمدە يۆتكەش ھېسابلىنىدۇ.

    1805 ئەمگەكچى 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ غۇلجا ناھىيەسىدىكى يېزا-بازار(مەيدان)لاردا تەسىس قىلىنغان 32 تەربىيەلەش نۇقتىسىدا ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشكە قاتناشتى. غۇلجا ناھىيەلىك كادىرلار، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوچىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشتە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مىننەتدارلىق ئېڭى، قانۇن ئېڭى كۈچىيىپلا قالماي، يەنە ئۆز مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئېڭىمۇ ھەقىقىي تۈردە ئۆسۈپ، ئۇلارنىڭ كارخانىدا ئۇزاق مەزگىل ئىشلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئائىلىۋى توقۇمىچىلىق، كىيىم–كېچەك كەسپىي رايونىغا غۇلجا ناھىيەسىدىكى 3000 دىن ئارتۇق ئەمگەكچى ئىشقا ئورۇنلىشىدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365522901