سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

داشى ئېلېكتىرونلۇق سودا باغچىسى لوپنۇر ئالقاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىشتىكى ئاساسلىق سۇپىغا ئايلاندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-24

     19-ئاۋغۇست شىنجاڭ لوپنۇرلۇقلار كەنتى بىيوتېخنىكا شىركىتىنىڭ لېدىرى فېڭ شياۋلۇڭ لوپنۇر ناھىيەسى نۇرلۇق مەھەللىسىدىكى داشى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىدىكى دۇكاندا خېرىدارلارغا ئۆزى تېرىغان قارا ئالقاتنى كۆرگەزمە قىلدى. ئۇ بۇلتۇر 2000 مو يەرگە ئالقات تېرىغان بولۇپ، ھەممىسىنى داشى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق سېتىپ چىقارغان ئىدى. نۆۋەتتە، داشى ئېلېكتىرونلۇق سودا باغچىسى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئالقاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىشتىكى ئاساسلىق سۇپىغا ئايلاندى.

    ئىگىلىنىشىچە، لوپنۇر ناھىيەسى 2016–يىلى 7 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، لوپنۇر ناھىيەسى نۇرلۇق مەھەللىسىدە داشى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىنى قۇرۇپ چىققان. مەزكۇر ئېلېكتىرونلۇق سودا باغچىسىنىڭ كۆلىمى 8000 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 96 ئېلېكتىرونلۇق سودا دۇكىنى بار ئىكەن، دۇكانلارنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىۋاسىتە ماكانلاشقان. پاختا توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى، كىچىك ماي نان، لوپنۇر قوي گۆشى، لوپنۇر چىگىسى، قارا، قىزىل ئالقات ۋە شىنجاڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قۇرۇق يەل-يىمىشلەردىن 20 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات مەزكۇر ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق بازارغا سېلىنغان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، لوپنۇر ناھىيەسى داشى ئېلېكتىرونلۇق سودا باغچىسى 2016–يىلى توردا 64 مىليون 200 مىڭ يۈەنلىك مال سېتىپ چىقارغان.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365522891