سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىك دەرسخانىسى» غا ئايلاندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-24

    بۇ يىللىق يازلىق تەتىل مەزگىلىدە قەشقەر شەھىرىدىكى يېزا، كوچا باشقارمىلار ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنى جەمئىيەت تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ تەتىل تۇرمۇشىنى مول مەزمۇنغا ئىگە قىلدى.

    قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى قەشقەر شەھىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئىستۇدېنتلارنىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىك دەرسخانىسى»غا ئايلاندى. ئىستۇدېنتلار قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ قەشقەردىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا بولغان غەمخورلۇقى ھەمدە قەشقەردىكى زور تەرەققىياتلارنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365522871