سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 58 ئادەم بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسى ئەملىدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-24

    17-ئاۋغۇست سائەت 11دە 25 ياشلىق شياۋمېي تۇنجى بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندىن 23-ئاۋغۇست سائەت 19دىن 23 مىنۇت ئۆتكىچە مەركىزىي شەھەردە 58 نەپەر شەھەر ئاممىسى بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسى ئەملىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى توققۇز ياش.

    مۇخبىرنىڭ 23-ئاۋغۇست شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانا، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانا ۋە بىڭتۇەن دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسى بولغان بۇ ئۈچ دوختۇرخانىغا بۇ قېتىم ئايرىم ھالدا بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسىدىن 1500 تال، 100 تال ۋە 300 تال تەقسىملەنگەن. بىر ھەپتە تەييارلىقتىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە يۇقىرىقى دوختۇرخانىلار ئەملەش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىغان.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365522861