سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

7-سېنتەبىردىن باشلاپ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچىدىن خاڭجۇغا بىۋاستە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-24

    7-سېنتەبىردىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىن خاڭجۇغا بىۋاستە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىلىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ 23-ئاۋغۇست جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدىن خاڭجۇغا كۈنىگە بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىلىدىكەن. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئايروپىلاننىڭ ئاۋىياتسىيە نومۇرى CZ8535/6 بولۇپ، بۇنىڭغا «بوئېنB738 » تىپلىق ئايروپىلان سەپلىنىدىكەن، بېرىش - كېلىشتە جەمئىي 300 ئورۇن تەسىس قىلىنىدىكەن.

    خاڭجۇ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى، شۇنداقلا مەملىكىتىمىزنىڭ چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى مۇھىم ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن خاڭجۇغا بىۋاستە قاتنايدىغان ئايروپىلاننىڭ كۆپەيتىلىشى ئىككى جاينىڭ سودا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365522801