سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جايلار مېخانىزمنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ رەتكە سېلىپ ۋە ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-24

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسى 8 – ئاينىڭ 19 – كۈنى سائەت 23 تىن ئاشقاندا ئاپتونوم رايونىمىزغا 9 – تۈركۈمدىكى 76 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 58 پارچە ئەرزىيەت خېتىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەسىلىلەر مەركەزلىك ئىنكاس قىلىنغان، بۇ ئەرزىيەت خېتى ئومۇمىي سانىنىڭ %52 ىنى ئىگىلەيدۇ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 2 – ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %12 ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇلغىنىش تۈرىدىكى ئەرزىيەت خېتى ئاساسلىقى شاۋقۇن ۋە ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى تۈرىدىكى ئەرزلەر بولۇپ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا %23 ۋە %22 نى ئىگىلەيدۇ.

    ھازىرغا قەدەر مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا جەمئىي 466 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا چېتىلىدىغىنى 392 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە چېتىلىدىغىنى 68 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە بېجىرىدىغىنى 6 پارچە. ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر ئاساسلىقى ئاتموسفېرا، شاۋقۇن، قاتتىق تاشلاندۇق، سۇ، چاڭ – توزان، ئىس – تۈتەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە چېتىلىدىكەن.

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى دەرىجىمۇ دەرىجە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تولۇق ماسلىشىپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

    بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ‹‹بىرگە بىر، بىرگە كۆپ›› مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۆتتە ‹‹بىرىنچى بولۇش›› ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلدى

    بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 8 – ئاينىڭ 17 – كۈنى سەھەردە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ‹‹كورلا شەھىرىنىڭ دۆلەت يولى 218 – لىنىيەسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق رۈيشىڭ خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىنىڭ ئارىلاپ – ئارىلاپ كېرەكسىز گازنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ قويۇپ بېرىشى››، ‹‹كورلا شەھەرلىك شۇاڭشىن گاز قاچىلاش پونكىتى خۇمدىنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ پار قازىنىدىن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئىس – تۈتەك قويۇپ بېرىشى›› قاتارلىق 4 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىشلارنى دەل ۋاقتىدا قىلىش تەلىپى بويىچە كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋە خېجىڭ ناھىيەسى، چەرچەن ناھىيەسىنى بۇ مەسىلىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى دەلىللەپ، سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، پائال رەتكە سېلىپ ئۆزگەرتىشكە بۇيرىدى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەرزىيەت – نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 3 مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى نەق مەيدانغا بېرىپ، بۇ دېلولارنىڭ بېجىرىلىشنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلدى.

    8 – ئاينىڭ 17 –، 18 – كۈنلىرىدىكى كۆزىتىپ ئۆلچەشتىن ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق رۈيشىڭ خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىدىن ئېلىنغان توردا كۆزىتىپ ئۆلچەش سۇپىسىدىكى سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ كارخانىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرى نورمال ئىشلەۋاتقان بولۇپ، نازارەت قىلىش خاراكتېرىدىكى كۆزىتىپ ئۆلچەش دوكلاتى چىققاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ زاۋۇت قويۇپ بەرگەن كېرەكسىز گازنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن – كەتمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدىكەن؛ ھازىر كورلا شەھەرلىك شۇاڭشىن گاز قاچىلاش پونكىتىنىڭ خۇمدىنىدىكى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىس – تۈتەك قويۇپ بەرگەن كۆمۈر يېقىلغۇلۇق بىر پار قازىنى چۇۋۇۋېتىلگەن بولۇپ، قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللار تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، 8 – ئاينىڭ 13 – كۈنىدىن تارتىپ 8 – ئاينىڭ 19 – كۈنى سائەت 18 گىچە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 7 تۈركۈمدە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتىدىن جەمئىي 16 پارچىنى تاپشۇرۇۋالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى تۈرىدىكى ئەرزىيەت خېتى 8 پارچە، سۇ بۇلغىنىشى تۈرىدىكىسى 5 پارچە، ئىس – تۈتەك، قاتتىق تاشلاندۇق ۋە شاۋقۇن تۈرىدىكىسى 1 پارچە ئىكەن. مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېكىتكەن نۇقتىلىق مەسىلە 8 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ بۇلغىنىشى تۈرىدىكىسى 4 پارچە، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى تۈرىدىكىسى 4 پارچە ئىكەن.

    بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسى نازارەت قىلغان مەزگىلدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ھەم ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بۇ خىزمەتنى يۇقىرى نۇقتىدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 5 قېتىم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى، خىزمەت سەپەرۋەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى يىغىنى، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى رەتكە سېلىپ ئۆزگەرتىش يىغىنلىرىنى ئاچتى، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار كۆپ قېتىم ناھىيە – شەھەر، كارخانىلارغا بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، دېلولارنى نەق مەيداندا بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، رەتكە سېلىپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە نەق مەيداندا تۈرتكە بولدى، مەسئۇل يولداشلار بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى دەرىجىمۇ دەرىجە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر خىزمەتكە بىر رەھبەر باشلامچى بولۇپ تۇتىدىغان، بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىدىغان، بىرنەچچە فۇنكسىيەلىك تارماق پۈتۈن كۈچى بىلەن ‹‹بىرگە بىر، بىرگە كۆپ›› بولۇشقا ماسلىشىدىغان خىزمەت مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەت ھالقىلىرىنى تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى. ناھىيە – شەھەرلەر، تارماقلار پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، خىزمەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ ھەم ئىخچاملاپ، بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خەتلىرىنى ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىپ، ۋاقتىدا يۇقىرىغا دوكلات قىلىپ، ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خەتلىرىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتەرەپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

    ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ‹‹ئۈچتە تېز بولۇش، بىرنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئۈچنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى

    ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى 8 – ئاينىڭ 19 – كۈنى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ‹‹غۇلجا شەھىرىنىڭ جەنۇبىي چۇڭچىڭ يولىدىكى مەلۇم باقمىچىلىق مەيدانى توخۇ مايىقىنى خالىغانچە دۆۋىلەپ قويۇپ، ئەتراپنى سېسىق پۇراق قاپلاپ كەتكەنلىكى›› ئىنكاس قىلىنغان ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. 8 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغىچە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 8 تۈركۈمدىكى 25 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتموسفېرا تۈرى، بۇلغىنىش تۈرىدىكى ئەرزىيەت خېتى 10 پارچە، سۇ، قاتتىق تاشلاندۇق بۇلغىنىش تۈرىگە چېتىلىدىغان ئەرزىيەت خېتى 10 پارچە، ئېكولوگىيەلىك بۇلغىنىش تۈرىدىكى ئەرزىيەت خېتى 3 پارچە، بۇس، شاۋقۇن، چاڭ – توزان بۇلغىنىش تۈرىدىكى ئەرزىيەت خېتى 1 پارچىدىن. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىگە ياخشى ماسلىشىش ئۈچۈن، 6 قېتىم مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، خىزمەت نىشانىنى قاتتىق تەكىتلەپ، ۋەزىپىنى ئورۇنداش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان دەرھال بېجىرىش، تېز ھەم چىڭ تۇتۇش، دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزىتىشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خېتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا ‹‹ئۈچتە تېز بولۇش، بىرنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئۈچنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش›› نى، يەنى: تېز تەكشۈرۈش، تېز بىر تەرەپ قىلىش، تېز مەلۇم قىلىش؛ ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ ئىنكاس قىلىنغان مۇھىت مەسىلىسىنى قانۇن – نىزام بويىچە جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇھىت مەسىلىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم ‹‹تۆت ئومۇمەن، تۆت چوقۇم››دىن ئىبارەت كونكرېت تەلەپنى يەنى: ئومۇمەن نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى تاپشۇرغان ھەرقانداق ئىشنى چوقۇم پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەممە ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇش، ھەممە ئىشنىڭ دېرىكى بولۇش؛ ئومۇمەن نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىغا ئېھتىياجلىق ماتېرىياللارنى چوقۇم ۋاقتىدا، توغرا يەتكۈزۈپ بېرىش؛ ئومۇمەن نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاچقان يىغىنلارغا چوقۇم ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىش، ئەھۋالنى چوقۇم ئەينەن ئىنكاس قىلىش؛ ئومۇمەن نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنى چوقۇم ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىش، قوبۇل قىلىش، خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ئورۇن ۋە تارماقلاردىن مۇھىت ئاسراش خىزمىتىدە ‹‹بىر تاختا شاھمات›› ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەپ، مۇھىت ئاسراش، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار تاپشۇرۇۋالغان بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خەتلىرىگە قارىتا مەسىلىگە تېگىشنى نۇقتا قىلىپ، ئاممىدىن پىكىر ئېلىپ، بۇلغىما مەنبەسى بار كارخانىلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش قاتارلىق تور يېيىش شەكلىدە تەكشۈرۈش، رەتكە تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ھازىرغا قەدەر كېچە – كۈندۈز 60 قېتىمدىن ئارتۇق چارلاپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى، مۇھىت قانۇن ئىجراسىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش خادىمىدىن 400 ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇقنى ئىشقا سېلىپ، 74 كارخانىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى، تېز سۈرئەتتە ئۆلچەش، قول بىلەن ئۆلچەش، سېسىق گازنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى رەتكە تۇرغۇزۇش قاتارلىق كۆپ خىل تېخنىكىلىق ۋاسىتىنى قوللىنىپ، مۇناسىۋەتلىك رايوننىڭ ھاۋا سۈپىتىنى 86 نۇقتىدا كۆزىتىپ ئۆلچىدى، كۆزىتىپ ئۆلچىگەن تۈر 129 تۈر(قېتىم) بولۇپ، 384 تۈرلۈك ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى توپلاندى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365522791