سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەنبەدىن ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-24

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نازارەت، ئىدارىلەر دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى

    يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نازارەت، ئىدارىلەر ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى–خىزمەتچىلەرنى داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۈزلۈكسىز ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا تەشكىللەپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەنبەدىن ئايدىڭلاشتۇرۇپ، داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى: بارلىق كادىر، ئىشچى–خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز

    ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى 8–ئاينىڭ 17–كۈنى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى–خىزمەتچىلەرنى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئورگىنىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى–خىزمەتچىلەر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇشى كېرەك. دۆلەت مەبلەغ سالغان كارخانىلار، دۆلەت كارخانىلىرىمۇ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگىچە كېڭەيتىشى، ئورگاندىكى باشقارما، بۆلۈملەر كارخانىلارغا بېرىپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش پائالىيىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، مەنبەدىن ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك؛ ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش–تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك؛ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشنى نۆۋەتتە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ‹‹ئىككى تۈرلۈك خىزمەت›› بىلەن بىرلەشتۈرۈشى كېرەك؛ ئورگاندىكى بارلىق كادىر، ئىشچى–خىزمەتچىلەر ‹‹7 گە ئەھمىيەت بەرمەسلىك›› جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە سەۋەبلەرنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىشى ھەم تۈزىتىش تەدبىرىنى ياخشى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك؛ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى يىللىق خىزمەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    دۆلەت زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجراسى–مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولىمىز

    ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجراسى–مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىدىكىلەر 8–ئاينىڭ 18–كۈنى چۈشتىن كېيىن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىن يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سىستېمىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇردى.

    يىغىنغا سىستېمىدىن 592 كىشى قاتناشتى، 7 كادىر ۋەكىل بولۇپ سۆز قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى يەنىمۇ بىلدۈردى. يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۆزىمىزنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا سېلىشتۇرۇپ، پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ، ئىدىيەمىز ۋە روھىي دۇنيايىمىزغا چوڭقۇر تاقاپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىمىزنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر قادىربېك قامزا: مەۋقەنى ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىگە قارىتىپ، دۆلەت زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجراسى–مەمۇرىي تەپتىش مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش بويىچە بەرگەن ۋەدىمىزنى تۈرلۈك كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك، دېدى. قانۇن ئىجراسى–مەمۇرىي تەپتىش باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مولنىياز ئەيسا مۇنداق دېدى:پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمىزنى باشتىن–ئاخىر ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەگە مەڭگۈ مۇتلەق سادىق بولۇپ، بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ياخشى باشلامچى ۋە ئۈلگىلەردىن بولىمىز.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى: ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىدىكىلەر 8–ئاينىڭ 17–كۈنى چۈشتىن كېيىن يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش تېلىۋىزىيە–تېلېفون يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىدىن كەلگەن 10 ۋەكىل سۆز قىلىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئەنۋەر ھەسەن مۇنداق دېدى: مەن ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەتراپىمدا ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى بايقىغان ھامان پاش قىلىمەن. خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرىمەن.

    تۇرپان شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قۇدرەت نىزامىدىن مۇنداق دېدى: بىز يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، رولىمىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جارىي قىلدۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ دېڭىزىغا قەتئىي غەرق قىلىمىز.

    قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى يالقۇن ئاۋۇت مۇنداق دېدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدايمىز.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365522781