سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

توك ئاپتوموبىلى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-24

    ‹‹بورتالا›› موڭغۇل تىلىدا ‹‹بوز رەڭ يايلاق›› دېگەن مەنىدە. ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇ ‹‹بوز رەڭ يايلاق››نىڭ ھەممىلا يېرىدە ھازىر يېشىل ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

    مەملىكەت بويىچە باغباراڭلاشقان شەھەر بورتالا، گۈزەل پورت شەھىرى ئالاتاۋ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان سەر خىل شەھەر جىڭ ناھىيەسى، ‹‹ئەۋلىيا تېغىدىكى زەمزەم، غەربىي يۇرتتىكى بۇلاق ئاستانىسى›› ئارشاڭ ناھىيەسى... بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بارلىق كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ، رايون ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئېلېكتىرلەشكەن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى›› قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سەپلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى سەپلەش ۋە قوللىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە توك ئاپتوموبىلنى زەرەتلەش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى تۇنجى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.

    توك ئاپتوموبىل ئېلىپ كەلگەن يېشىل تۇرمۇش

    بورتالا شەھىرى ئاھالىسى لى مېڭنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئىشقا بېرىپ كەلدى. لى مېڭ 8 – ئاينىڭ 18 – كۈنى زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرسا مۇھىت ئاسرىغىلى، ئېنېرگىيە، پۇل تېجىگىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ توك ئاممىۋى ئاپتوبۇسى شاۋقۇنسىز، سىلىق، ھەم راھەت، ھەم تېز.

    يېشىل يول يۈرۈشتە ئاممىۋى قاتناش ئالدىن يولغا قويۇلدى.

    1 – يول توك ئاممىۋى ئاپتوبۇسى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ بۈك – باراقسان ۋە ياپيېشىل يولدا كېتىۋاتاتتى. خۇددى ئەينەكتەك سۈزۈك، يېشىللىق بىلەن ئورالغان ‹‹كەيپىڭ›› كۆلى، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، كۆپ ئىقتىدارلىق ‹‹ئىككى مەركەز››، شەكلى ئۆزگىچە، كۆرۈنۈشى ئالاھىدە يەلكەنلىك كېمە مەيدانى، ئۇزۇنغا سوزۇلغان گۈزەل بورتالا دەرياسى كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى...

    گۈزەل مەنزىرىلەر ئىچىدە مېڭىۋاتقان ئاپتوموبىل تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ، بىر – بىرىگە تېخىمۇ ماس كەلگەنىدى.

    بورتالا شەھىرى ‹‹قۇياش نۇرى›› ئاممىۋى قاتناش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى لى لىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بورتالا شەھىرىدە ھازىر توك ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدىن 24ى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. يېقىندا خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش ئارقىلىق توك ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدىن 20سى كۆپەيتىلىپ 2 – يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسلىرى يېڭىلاندى. ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەبىئىي گاز سەپلەنگەن ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى توك ئاممىۋى ئاپتوبۇسىغا ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى، كەلگۈسى 3 يىلدا 7 – يول، 101 – يول، 1 – يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسلىرىنى تەدرىجىي يېڭىلىماقچى، شۇ چاغدا بورتالا شەھىرىنىڭ توك ئاممىۋى ئاپتوبۇسى 148گە يېتىدۇ.

    بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ‹‹بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ توك ئاپتوموبىل ۋە زەرەتلەش ئەسلىھەلىرى يىرىك پىلانى دوكلاتى››غا ئاساسەن، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئاممىۋى ئاپتوبۇستىن 160نى، تاكسىدىن 446نى، ئەشيا ئوبوروتى ۋە تازىلىق ئاپتوموبىلىدىن 75نى، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىدىن 150نى، ئائىلە ئاپتوموبىلى ۋە ئىجارە بېرىلىدىغان ئاپتوموبىلدىن 979نى، مەنزىرە رايونى ساياھەت ئاپتوموبىلىدىن 90نى ئۆز ئىچىگە ئالغان توك ئاپتوموبىلىدىن 1900نى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلىدى.

    زەرەتلەش ئەسلىھەلىرى يېشىل يول يۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

    بورتالا شەھىرى ‹‹قۇياش نۇرى›› ئاممىۋى قاتناش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ليۇ دۇڭ 8 – ئاينىڭ 19 – كۈنى توك ئاممىۋى ئاپتوبۇسلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سەھەر سائەت 30:7دا جەنۇبىي شەھەر رايونىغا رەتلىك توختىتىلغان 1 –، 3 –، 6 – يول ئاپتوبۇسلىرىنى زەرەتلەش پونكىتىدىكى توك ئاپتوموبىللارنىڭ زاپاس توكىنى تەكشۈردى.

    سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا 17 زەرەتلەش تۈۋرۈكى قۇرۇلۇشى تاماملانغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 9 – ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدىكەن، كەلگۈسىدە يەنە زەرەتلەش تۈۋرۈكىدىن 46نى ئورنىتىدىكەن.

    ئىگىلىشىمچە، ھازىر 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان 2 يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك ئاپتوموبىلىنى زەرەتلەش پونكىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ 28 توك ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنى زەرەتلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن.

    شىمالىي شىنجاڭنىڭ قاتناش تۈگۈنى ھېسابلىنىدىغان جىڭ ناھىيەسىدە ھازىر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن زەرەتلەش تۈۋرۈكى 23كە يەتكەن بولۇپ، ‹‹13 – بەش يىل››دا 10 زەرەتلەش پونكىتى، 118 تارقاق زەرەتلەش تۈۋرۈكى ئورنىتىش پىلانلانغان بولۇپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتقان زەرەتلەش ئەسلىھەلىرى شۇ لىنىيەدىكى يېشىل قاتناشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

    بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كېيىنكى 3 يىلدا بورتالا شەھىرى، ئالاتاۋ شەھىرى، جىڭ ناھىيەسى، ئارشاڭ ناھىيەسى، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ۋە ‹‹ۋۇتەي›› سانائەت رايونىدا زەرەتلەش پونكىتىدىن 30نى قۇرۇپ، ئاممىۋى زەرەتلەش تۈۋرۈكىدىن 1327نى ئورنىتىپ، 1900 توك ئاپتوموبىلىنىڭ زەرەتلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.

    دۆلەت ئېلېكتىر تورى بورتالا توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىنى قوللاش ئۈچۈن، توك ئاپتوموبىللارنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش تۈر زاپىسى خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، زەرەتلەش پونكىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى، ھەم زەرەتلەش ئەسلىھەلىرى پىلانى تۈزۈشنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ناھىيە، شەھەرنى مەركەز، نۇقتىلىق يېزا – بازارلارنى تىرەك نۇقتىسى، ئاساسلىق تاشيول لىنىيەلىرىنى زەنجىر قىلغان زەرەتلەش ئېلېكتىر تورىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى.

    توك ئاپتوموبىل يېشىل ئىقتىسادقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى

    2 سائەت زەرەتلەش ئارقىلىق 200 كىلومېتىر يول يۈرگىلى بولىدۇ. توك ئاپتوموبىل ئېنېرگىيەنى، شۇنداقلا تەننەرخنىمۇ تېجەيدۇ.

    لى لىن مۇنداق دېدى: 24 توك ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ بۇلتۇر 12 – ئايدىن ھازىرغىچە بولغان يۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، توك ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ موتور ئىقتىدارى ياخشى، تەبىئىي گازلىق ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدەك موتورنى چوڭ رېمونت قىلىش، بىر يىلدا ئىككى قېتىم ئاپتول ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز، رېمونت قىلىش – ئاسراش خىراجىتىدىن 60 مىڭ يۈەن تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. تەبىئىي گاز ۋە توك ئىشلىتىش تەننەرخىدىن قارىغاندا، 430 مىڭ يۈەن خىراجەتنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، توك ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا، دۆلەت ھەربىر ئاپتوموبىلغا تولۇقلىما پۇلى بېرىدۇ، يىراقنى نەزەردە تۇتقاندا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.

    پاكىز ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى.

    تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جىڭ ناھىيەسى ۋە ‹‹ۋۇتەي›› سانائەت رايونىغا توك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى ۋە قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى كىرگۈزدى.

    جىڭ ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ‹‹شىنلۇ›› ئېنېرگىيە پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2017 – يىلى 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىشخانا بىناسى، تەتقىقات – ئېچىش بىناسى ۋە زەرەتلەش تۈۋرۈكى زاۋۇتى قاتارلىقلارنى سېلىۋاتىدۇ، پىلان بويىچە يىل ئاخىرىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە توك ئاپتوموبىللارنى زەرەتلەش ئەسلىھەلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىندىغان 11 كارخانىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. ھازىر بۇ شىركەت مەسئۇل بولغان سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ زەرەتلەش ئەسلىھە تۈرىدە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ.

    ئوتتۇرا ئاسىيا ‹‹شىنلۇ›› ئېنېرگىيە پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جى شياۋنەن مۇنداق دېدى: بىز كۆپ تەرەپلىمە تەكشۈرۈش ئارقىلىق كارخانىنى جىڭ سانائەت رايونىغا ماكانلاشتۇرۇپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنى سىناق نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا زەرەتلەش ئەسلىھەلىرى مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىشنى ئويلاشتۇق. يىل ئاخىرىغىچە زەرەتلەش تۈۋرۈكىدىن 1000نى ياسايدىغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى كىرگۈزۈپ، كېيىنكى يىلى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 3000غا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز، ھازىر خوتەن، قاراماي قاتارلىق جايلار بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىدۇق. كارخانىمىز ئەلا مۇلازىمىتى ۋە مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئاپتونوم رايوندىكى توك ئاپتوموبىللارنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

    بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك ئاپتوموبىللارنى زەرەتلەش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، توك بىلەن ئىسسىتىش ۋە سانائەت ساھەسىدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سەپلەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سەپلىمە تۈرىدىن 327نى يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، 400 مىليون كىلوۋات سائەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سەپلىمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ يەرلىكتىكى ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىدى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365522771