سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولايلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-24

    قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياسىن سىدىق

    مەن شىنجاڭدا ياشاپ، شىنجاڭدا خىزمەت قىلىپ كەلدىم، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتەكلىشىدە ئاساسىي قاتلام كادىرىدىن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇپ يېتىشتىم، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ قايمۇقتۇرۇشى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قۇترىتىشى، ئازدۇرۇشىدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچومىقى، ھەتتا ‹‹زەمبىرەك يېمى››گە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئېچىندىم. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئاق كۆڭۈل، ساددا ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچراتقانلىقى مېنى قاتتىق ئېچىندۇردى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ پەردە ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋېلىپ، ئاق كۆڭۈل بەزى ئۇيغۇر ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى ‹‹پىشكا›› قىلىۋالغانلىقى غەزەپ–نەپرىتىمنى قوزغىدى، مېنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرگىنى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بولۇپ، ئۇلار تېررورلۇق، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدىن خەۋىرى بولسىمۇ مەلۇم قىلمىدى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە خەۋەر يەتكۈزدى، ھەتتا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى قانات ئاستىغا ئېلىپ، ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ، ئۇلار بىلەن ئېغىز–بۇرۇن يالاشتى. ‹‹كومپارتىيەنىڭ ئېشىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقىدىغان›› بۇنداق مۇناپىقلارغا ھەرگىز يوشۇرۇنغىدەك جاي قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك. بۇ، بىز بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرىدىن جەزمەن پارتىيەنى قەلبىمىزدە ساقلاپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

    ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشى مىللەتنى ئويغىتىدىغان خورىماس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب›› خۇددى باھار گۈلدۈرمامىسىدەك ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئىدىيەدە ئويغىتىش بۇرغىسىنى چالدى. مېنىڭچە، بۇ قېتىملىق ئىدىيەدە ئويغىتىشنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتى شۇكى، بەزىلەر ئىلگىرى نازۇك مەسىلىلەرنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىش، سىر ساقلاش، يوشۇرۇش، ھەتتا زور سىياسىي مەسىلىلەردە ھەق–ناھەققە ئېنىق ھۆكۈم قىلىشى كەمچىل بولۇشتىن، ھازىر مەسىلىلەرگە تېگىشكە جۈرئەت قىلىدىغان، خاتالىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىدىغان، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ھەم قەتئىي كۈرەش قىلىدىغان بولدى؛ بۇنداق ئويغىنىش تولىمۇ قۇدرەتلىك ئىچكى كۈچ، بۇنداق كۈچكە ئىگە بولغاندا، ھەرقانداق تاشقى سەلبىي كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايمىز. بولۇپمۇ بىز بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش كەسكىن بولۇۋاتقان ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئۇيغۇر ئاممىنىڭ ئويغىنىشى ئالاھىدە مۇھىم. ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى، كادىر، بولۇپمۇ ئۇيغۇر پارتىيە ئەزاسى، كادىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، جان–دىلى بىلەن ئاممىنى يېتەكلەپ، گۈزەل يۇرت–ماكان قۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملىسىلا، ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قەستىدە بولۇۋاتقان ھەرقانداق كۈچ ئۈزۈل–كېسىل يوقىتىلىدۇ.

    پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ تۈپ كاپالىتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مەقسەتلىك ھەم پىلانلىق ھالدا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەپ ۋە يولغا قويۇپ، بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرۈپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، مىللىي قارشىلىشىش پەيدا قىلىش، ۋەتەننى پارچىلاشتەك جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇندى، ئۇلار ھەم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە غايەت زور زىيان يەتكۈزدى، ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى نەزەرىدىكى ئوبرازىغا ئېغىر داغ تەگكۈزدى. بىز ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۇ مەسىلىلەرنىڭ زىيىنىنى ئېنىق تونۇشىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنىڭ ئىلمىي ئورنىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلىلەردە سەگەك بولۇشىمىز، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، تار مىللەتچىلىك پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى؛ دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش خىزمىتىدە باشتىن–ئاخىر ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە تونۇش، ئىجتىمائىي جەھەتتە ئۇيغۇنلىشىش، مەدەنىيەت جەھەتتە قوشۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

    ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشى خاتا ئىدىيەگە تاقابىل تۇرۇش ئاساسىنى مۇستەھكەملىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. ‹‹ئەخلاقنىڭ ئاساسى ساداقەتمەنلىك››. سادىقلىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك ئادىمىيلىكنىڭ ئەقەللىي تەلىپى، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش لاياقەتلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى. پارتىيەگە چىن دىلىدىن سادىق بولغاندىلا، پارتىيە ئەزالىرىمۇ، كادىرلارمۇ، ئاممىمۇ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ھەرگىز ئۇچرىمايدۇ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىسكەنجىسىگە تېخىمۇ چۈشمەيدۇ، ئۇلار كۆكرەك كېرىپ باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى باتۇرانە كۈرەش قىلىدۇ. دېگىنى بىلەن قىلغىنى ئوخشىمايدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئەزەلدىنلا بار، شۈنزى ئۇلارنى ‹‹دۆلەت ئالۋاستىلىرى›› دەپ ئاتىغان. ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى ھەقىقىي تۈردە ئويغىنىش ھالىتى، ئويغىنىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇنداق كىشىلەرنى دادىل ئېچىپ تاشلاپ، دادىل پاش قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ھەقىقىي تارتىپ چىقىرىپ ۋە تازىلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى نەزەرىدىكى يېڭى ئوبرازىنى قايتا تىكلەپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان يېڭى ھالەت، ھەممە خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365522761