سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

دەل جايىدا تۈزىتىلىپ، سۈزۈك سۇنىڭ ئۇزاققىچە ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-24

    سۇ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى زۆرۈر بايلىق، سۇنىڭ بۇلغىنىشى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا بىۋاسىتە تەھدىت سالىدۇ. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان سۇ بۇلغىنىش مەسىلىسىگە قارىتا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، دەل جايىدا تۈزىتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنى رازى قىلدى.

    ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىق سېسىق پۇرىمايدىغان بولدى

    ياز كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ مەرھابا يولى ‹‹شىنگاڭ›› ئەسىر گۈللۈكى مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقتىن چىققان سېسىق پۇراقتىن ئىنتايىن بىئارام بولدى. مەھەللە ئاھالىسى چېن شىجيې مۇنداق دېدى: بۇ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، كەچتە دېرىزىنىمۇ ئاچالمايمىز، ھاۋا تەڭشىگۈچتىن چىققان سوغۇق شامالدىمۇ سېسىق پۇراق بار.

    ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايون(يېڭىشەھەر رايونى)لۇق سۇچىلىق ئىدارىسى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسى بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ مەھەللىدىكى سېسىق پۇراق بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان رايوننى نەق مەيداندا تەكشۈردى. خىزمەتچىلەر تەكشۈرگەندىن كېيىن مەھەللىنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى كەلكۈن سۈيىنى قويۇۋېتىش ئۆستىڭى قاپقىقىنىڭ 0.5 كىۋادرات مېتىر يېرىنىڭ بۇزۇلۇپ، كەلكۈن سۈيىنى قويۇۋېتىش ئۆستىڭىدىكى لايدىن سېسىق پۇراق چىقىپ، غەيرىي پۇراق پەيدا بولغانلىقىنى بايقىدى.

    يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايون(يېڭىشەھەر رايونى)لۇق سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: مەسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەب بۇ يىل 7 – ئايدا بۇ مەھەللىدىكى كەلكۈن سۈيىنى قويۇۋېتىش ئۆستىڭىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى قىسمەن تۇرمۇش يۇندىسى شەھەرنىڭ سۇ چىقىرىش تۇرۇبا تورىغا قوشۇلۇپ، مەھەللىدىكى كەلكۈن سۈيىنى قويۇۋېتىش ئۆستىڭىدە لاي – لاتقا تۇرۇپ قېلىشقا سەۋەب بولغان. سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ جىددىي رېمونت قىلىش ئەترىتى 8 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئەتىگەن سائەت 9دىن باشلاپ، بۇ مەھەللىنىڭ كەلكۈن سۈيىنى قويۇۋېتىش ئۆستىڭىنىڭ بۇزۇلغان قاپقىقىنى رېمونت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2 بۇلغىما سۈمۈرۈش ئاپتوموبىلى ۋە 2 يۇقىرى بېسىملىق يۇيۇش ئاپتوموبىلىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەلكۈن سۈيىنى قويۇۋېتىش ئۆستىڭىدىكى لايلارنى تازىلاپ يۇيۇپ، سېسىق پۇراقنىڭ تارقىلىش مەنبەسىنى ئۈزۈل – كېسىل تۈگەتتى.

    8 – ئاينىڭ 13 – كۈنى كەچ سائەت 23تە كېچىلەپ جىددىي رېمونت قىلىش ۋە يۇيۇش ئارقىلىق ‹‹شىنگاڭ›› ئەسىر گۈللۈكى مەھەللىسىدىكى ئامما ئىنكاس قىلغان سېسىق پۇراق مەسىلىسى بىر تەرەپ قىلىندى. چېن شىجيې مۇنداق دېدى: ئاخىر ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىدىغان بولدۇق، تۈزىتىش ناھايىتى ۋاقتىدا بولدى، بىز ئىنتايىن رازى بولدۇق.

    يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايون(يېڭىشەھەر رايونى)لۇق سۇچىلىق ئىدارىسى ھازىر قەرەللىك تەكشۈرۈش لايىھەسى تۈزۈپ، تەۋەلىك رايونىدىكى ئۆستەڭلەرنى تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ يەنە يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى.

    دەرھال تەكشۈرۈلۈپ، دەرھال تۈزىتىلىپ، قىران دەرياسى سۈيىنىڭ سۈزۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى

    يېقىندا ئالتاي شەھىرى ئاھالىسى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسىغا بۇ شەھەردىكى مۇھىت تازىلىقى تارماقلىرىنىڭ سۇ چېچىش ئاپتوموبىلىنىڭ باغچە يولىدىكى تۆگە چوققىسى ئاستىدا قىران دەرياسىغا پاسكىنا سۇ قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان، ئالتاي ۋىلايەتلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى دەرھال بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ ئىگىلىدى.

    ئالتاي شەھىرى 8 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى ئېنىقلىدى. كېيىن، شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى شەھەرلىك مۇھىت تازىلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ‹‹مەمۇرىي جازا بېرىش توغرىسىدىكى ئالدىن ئۇقتۇرۇش››، ‹‹قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزىتىشكە بۇيرۇش قارارى››نى چۈشۈرۈپ، ئالتاي شەھەرلىك مۇھىت تازىلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تۈزەش تەدبىرى قوللىنىپ، بۇلغىنىشنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى ھەم 200 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى.

    تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئالتاي شەھەرلىك مۇھىت تازىلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كوچا تازىلاش ئاپتوموبىلى ھەر كۈنى قىران دەرياسىدىن سۇ تارتىپ، كوچىلارنى، يوللارنى تازىلىغان، تازىلاش مەشغۇلاتى تاماملانغاندىن كېيىن، سۇ ساندۇقىدىكى قالدۇق سۇنى تۆگە چوققىسى ئاستىدىكى قىران دەرياسى يېنىدىكى سۇ چىقىرىش ئېغىزىغا قويۇپ بەرگەن.

    ئالتاي ۋىلايىتى يېقىندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتا گەۋدىلىك بولغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ۋە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئالاقىدار ئورۇنلار تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مۇھىت ئاسراش ئەرزىيەت دېلولىرىنى بېجىرىشكە تېزدىن ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئامما ئىنكاس قىلغان مۇھىت ئاسراش مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.

    پۇقرالار خاتىرجەم قىلىندى

    تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن ساۋەن ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار 8 – ئاينىڭ 14 – كۈنى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ساۋەن ناھىيەسىنىڭ ليۇماۋۋەن بازىرىدىكى شىنجاڭ ‹‹كۈمۈش بۈركۈت›› سودا – سانائەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىنىڭ چېتىدىكى پاسكىنا سۇ ئامبىرىغا پاسكىنا سۇ قۇيۇپ بېرىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ‹‹كۈمۈش بۈركۈت›› سودا – سانائەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى دەرھال تۈزىتىشكە بۇيرۇدى. ھازىر بۇ كارخانا ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىپ تۈزەتمەكتە ھەم تۈزىتىش لايىھەسى ۋە ۋەزىپە تىزىملىكىنى بېكىتىپ، تۈزىتىش ‹‹لىنىيە خەرىتىسى›› ۋە ‹‹ۋاقىت جەدۋىلى››نى ئېنىق بېكىتىپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان، تۇتىدىغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ئادەم بولۇشقا كاپالەتلىك قىلماقتا.

    ‹‹كۈمۈش بۈركۈت›› سودا – سانائەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى گاۋ لىچېڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك توختاتتى ھەم ھازىرقى سۇ ئامبىرى رايونىنى ئومۇميۈزلۈك ھەر تەرەپلىمە تۈزىدى.

    ساۋەن ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى چىمىڭ مۇنداق دېدى: تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىپ ئەنگە ئالغان بۇلغىنىشقا كىرگۈزۈلگەن يەرلەرنى تۈزەش ۋە پاسكىنا سۇدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشقا تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىش لايىھەسىگە ئاساسەن، بۇ كارخانا قۇرۇلۇش لايىھەسى ۋە پىلانىنى تېز بېكىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ تەشكىللەپ، تۈزىتىشنى تېزلەتتى. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، كارخانا ئاندىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىدۇ.

    ‹‹كۈمۈش بۈركۈت›› سودا – سانائەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تۈزىتىشى ئاساسلىقى ھازىرقى سۇ ئامبىرى رايونىدىكى پاسكىنا سۇنى تۈگىتىش، سۇ ئامبىرى رايونىدىكى چۆكمىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە كېيىنكى مەزگىلدىكى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۇ ئامبىرى رايونىنى تۈزەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا يوللىنىدۇ. ھازىر شىركەت بۇ لايىھەنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ ئامبىرى رايونىنى بالدۇرراق تۈزەپ بولۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

    ليۇماۋۋەن بازىرىنىڭ ئاھالىسى يۈ جۇڭخەي مۇنداق دېدى: بىز تەرەققىياتقا، تېخىمۇ مۇھىمى يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇغا مۇھتاج، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسىنىڭ كېلىشى، شۇنداقلا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ۋاقتىدا بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى بىلەن، پۇقرالارنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولدى.

    مۇھىت ئاسراشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىلدى

    ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە تاپشۇرغان غۇلجا شەھىرى چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى ئەنچى ئېچىتقۇسى(ئىلى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سېسىق گاز قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى ۋاقتىدا، ئاكتىپ تۈزەتتى. ھازىر بۇ دېلو بېجىرىلىپ ئاخىرلاشتى. بىز 8 – ئاينىڭ 23 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنچى ئېچىتقۇسى(ئىلى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئىشچىلارنىڭ ئوكسىدلاش مۇنارى ۋە تۇرۇبا يوللىرىنى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك مۇستەھكەملەۋاتقانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىش رايونى ئىچىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.

    ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈۋاتقان، ئەنچى ئېچىتقۇسى(ئىلى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مۇھىت ئاسراش ماشىنىلىرى رېمونت قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پېڭ ۋېنچاۋ مۇنداق دېدى: بىز بۇرۇن ھەپتىدە تەكشۈرەتتۇق، ھازىر ھەر كۈنى تەكشۈرۈۋاتىمىز، ھەر بىر ۋىنتىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمايمىز، ئاشكارىلانغان ھەر بىر نۇقتىنى تەكشۈرىمىز.

    ئەنچى ئېچىتقۇسى(ئىلى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال تۈزىتىپ، دەرھال بېجىردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، رەھبەرلىك، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان 3 كىشىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم ئۇلارغا ئىقتىسادىي جازا، خىزمەت ئورنىدىن يۆتكىۋېتىش جازاسى بەردى.

    بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى يۇڭ مۇنداق دېدى: ئەتراپتىكى ئاممىنى رازى قىلىش، كارخانىنى ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، كارخانىمىز تۈزىتىش داۋامىدا مۇھىت ئاسراشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىشقا تولىمۇ ئەھمىيەت بەردى. بىز گۇرۇھىمىزنىڭ باش ئىشتابى بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ تۇردۇق، باش ئىشتاب يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى ئۈزلۈكسىز سەپلەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. بىز شىركەتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىن تارماقلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە خىزمەتچىلەرگىچە بولغان 3 دەرىجىلىك گىرەلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورناتتۇق. ھەر كۈنى مەخسۇس خادىمنى نەق مەيداننى ئايلىنىپ يۈرۈپ تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردۇق ھەم مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ كارخانىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى چۈشىنىۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردۇق، شۇنداقلا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ ياخشى توپلىشىمىزغا، خىزمەتلىرىمىزنى ياخشىلىشىمىزغا قولايلىق ياراتتۇق.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365522751