سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 10 – تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خەتلىرىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-24

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى 8–ئاينىڭ 21–كۈنى سائەت 1 دە ئاپتونوم رايونىمىزغا 10–تۈركۈمدىكى 79 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 65 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 14 پارچە. بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلگەن بارلىق ئەرزىيەت خەتلىرى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

    ئاپتونوم رايونىمىزغا 10–تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلگەن 65 پارچە ئەرزىيەت خېتى رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق 10 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە چېتىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى 35 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %53.8 ىنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 7 پارچە ۋە 6 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %10.8 ۋە %9.2 ىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە چېتىلىدىغىنى 4 پارچىدىن، قاراماي شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى 2 پارچە، تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 1 پارچىدىن ئىكەن.

    بۇلغىنىش دەرىجىسىدىن قارىغاندا، بۇ تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ كۆپرەكى شاۋقۇنغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %26.2ىنى ئىگىلەيدىكەن؛ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىغا چېتىلىدىغىنى 2–ئورۇندا بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %20.2ىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، چاڭ–توزان، سۇنىڭ بۇلغىنىشىغا چېتىلىدىغىنى %13.1نى، قاتتىق تاشلاندۇققا چېتىلىدىغىنى%9.5نى، بۇس، ئىس–تۈتەككە چېتىلىدىغىنى %6نى، ئېكولوگىيەگە چېتىلىدىغىنى %3.6نى، باشقىلار %8.3نى ئىگىلەيدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 10 تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتى جەمئىي 545 پارچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزغا چېتىلىدىغىنى 457 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە چېتىلىدىغىنى 82 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە بېجىرىدىغىنى 6 پارچە بولۇپ، شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىغان. بۇلغىنىش تۈرىدىكى ئەرزىيەت خېتى ئاساسلىقى ئاتموسفېرا، شاۋقۇن، قاتتىق تاشلاندۇق، سۇ، چاڭ-توزان، بۇس، ئىس–تۈتەك قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365522701