سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 11 – تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خەتلىرىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-24

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى 8–ئاينىڭ 22–كۈنى سائەت 0 ئەتراپىدا ئاپتونوم رايونىمىزغا 11–تۈركۈمدىكى 108 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 92 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 15 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 1 پارچە.

    8–ئاينىڭ 22–كۈنى سائەت 3 ئەتراپىغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇستەقىل بېجىرىشىگە ۋە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە جەمئىي 93 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ، ھەممىسى تەرتىپ بويىچە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

    رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 11–تۈركۈمدە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇستەقىل بېجىرىشىگە ۋە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى 47 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %50.5ىنى ئىگىلىگەن؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 10 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %10.8ىنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 7 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %7.5ىنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 4 پارچە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى ئىككى پارچىدىن، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ 1 پارچىدىن، قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بىرلىكتە بېجىرىدىغىنى 1 پارچە بولغان.

    مۇشۇ تۈركۈمدە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خەتلىرىدە قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئارىلىقىدىكى نۇرغۇن كارخانىنىڭ كۆمۈر يېقىلغۇلۇق پار قازىنى ئىشلىتىپ، ئېغىر دەرىجىدىكى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ۋە ‹‹فېيلۇڭ›› سېمونت زاۋۇتىدىكى چاڭ–توزانلارنىڭ بىر قەدەر كۆپ ئىكەنلىكى ئىنكاس قىلىنغان.

    بۇلغىنىش تۈرىدىن قارىغاندا، مۇشۇ تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خەتلىرى ئىچىدە شاۋقۇنغا چېتىلىدىغىنى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %26.4ىنى ئىگىلىگەن؛ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىغا چېتىلىدىغىنى 2–ئورۇندا بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %18.6ىنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، قاتتىق تاشلاندۇققا چېتىلىدىغىنى %14.7، چاڭ–توزانغا چېتىلىدىغىنى %14، سۇ بۇلغىنىشىغا چېتىلىدىغىنى %10.1، بۇسقا چېتىلىدىغىنى %8.5، ئېكولوگىيەگە چېتىلىدىغىنى %4.7، باشقا تۈردىكىلەر %3.1نى ئىگىلىگەن.

    ئىگىلىنىشىچە، 8–ئاينىڭ 22–كۈنى سائەت 2 گىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا جەمئىي 653 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا چېتىلىدىغىنى 550 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە چېتىلىدىغىنى 96 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە بېجىرىدىغىنى 7 پارچە. بۇلغىنىش تۈرىدىكىلەر ئاساسلىقى ئاتموسفېرا، شاۋقۇن، قاتتىق تاشلاندۇق، چاڭ–توزان، سۇ، بۇس قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365522691